لىرىك نەسىرلەر
يامغۇر ئۇنىڭ شاقىراپ يېغىشى مەنى شۇنچە شاتلاندۇرىدۇ !
ئاسمان بوشلۇقىدا چاقماقنىڭ يالت- يۇلت قىلىپ چېقىشى قەلبىمدىكى ئۈمىت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىدۇ .
گۈلدۈرماما- ئۇنىڭ يەر- جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئاۋازى قەلبىمدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى جاھانغا جاكارلايدۇ !
يامغۇر ، ئۇ مېنى يېڭىدىن- يېڭى ئارمانلارغا باشلايدۇ......
ئەشۇ يامغۇردا توختىماستىن ئالغا قاراپ ماڭسام ، ھىچ توختىمىسام ، سەبى بالىلىغىمدىكى گۆدەكلىگىمدىكى ئەشۇ يامغۇر قوشىقىنى يەنە ئېيتسام ، يامغۇر سۇلىرىدا يۇيۇپ تازىلانغان پاك- پاكىزە جاھانغا قايتا كۆز ئاچسام..... شاتلىق ياشلىرى بىلەن چاقنىغان كۆزلىرىمدە ، چېھرىدىن بەخت نۇرلىرى پارلىغان سەبىلەرنى كۆرسەم؛ تېتىك ، جۇشقۇن، ئۈمىدۋار ياشلارنى؛ غۇنچىدەك چېھرى ، پاك مۇھەببىتى ، ۋاپادارلىغى بىلەن يىگىتلەر يۈرىگىنى ئويناتقان نازىنىن قىزلارنى كۆرسەم ؛ مەسۇلىيەتچان ئاتىلارنى ، مېھرىبان ئانىلارنى كۆرسەم....
ئېھ ، بۇ يامغۇر توختىماي ياققان بولسا ، جاھاننى قاپلىغان بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ بىر يولىلا ئېقىتىپ كەتكەن بولسا.....