لىرىك نەسىرلەر
يەنە شۇ تولۇن ئاي ، ئەشۇ بۇلۇتلار ئارىسىدا تۇرۇپ كۆرۈنۇپ ، تۇرۇپ مۆكۈپ دىگۈدەك لەرزان پەرۋاز قىلاتتى!
يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ، ئاجايىپ سىرلار بىلەن تولغان كەچە ئاسمىنىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئۇ_ساماۋى ئالەمدىن يىراق بولغان بۇ رىئال دۇنياغا ، ئۆزىنىڭ سوغۇق نۇرلىرىنى چېچىپ خۇددى ئەشۇ سوغۇق نۇرلىرىدەك سوغۇق نەزەردە زىمىنغا باقاتتى.
"توۋا ! ئۇ ئىلگىرىمۇ شۇنداقمىدى؟! زىمىنغا ئەشۇنداق سوغۇق نەزەردە باقاتتىمۇ؟"مەن ئايغا قارىغىنىمچە مۇڭلۇق ھىسلار قاينىمىغا غەرق بولدۇم.....
ئېسىمدە ئەشۇ كۈنى ، ئەشۇ كېچە ،ئەشۇ جايدا بەخت ئىچىدە ئۇنىڭ يېقىملىق نۇرلىرىغا چۆمۈلگىنىم، ئەشۇ كېچە ، ئەشۇ جايدا ئۇنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكۈڭىنى ، ئەشۇ مىنۇتلادا ئۇنىڭ بەختىمىزگە گۇۋاھ بولغىنى.......