|
مونرو كۆلى بويىدا
|
|
|
|
Abral
سېنىيور
دەرىجىسى :
4
جۇغلانما نۇمۇر :
11500
laleuyghur@yahoo.com
يازما سانى :
46
باھا يازما سانى :
0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا :
يوق
|
|
|
|
|
|
|
مونرو كۆلى بويىدا
ئابرال
«لېيك مونرو» كۆلىگە بېرىڭ، ئېغىر ھىسلارغا چۆمگەن چاغلاردا. ئىچىڭىز بوشۇتۇپ، قانغۇچە يىغلاڭ، ھىجران ئوتىدا يانغان تۈنلەردە....
بۇ سۆزلەر مېنىڭ يادىمدا بولغاچ، «لېيك مونرو» كۆلىگە دائىم بارىمەن. ئوخشاش كەچمىش، ئوخشىغان تۇيغۇ- ئىلكىدە چوڭقۇر ئويغا چۆمىمەن.
كۆلنىڭ سۈيى شۇنچىلىك تىنىق، ئەتراپى ئۇنىڭ بۈككىدە ئورمان. تەگسىز خىياللار، ئېغىر تىنىقلار- قەلبىمدە يانىدۇ ، تۇمەنمىڭ ئارمان.
كۆزلىرىم تىنىق، كۆلنىڭ سۈيىدەك، ئۈن-تۈنسىز شۇنداق كۆلگە باقىمەن. ئاڭا مۇجەسسەم چەكسىز مۇھەببەت. ئارمانلار ئىلكىدە ئوتتەك يانىمەن...
خىيال كەپتىرىم ئۈزەر سامادا، تۇرساممۇ ئۆزۈم كۆلنىڭ قىرىدا. سېغىنىش ھىسلىرى قىينايدۇ مېنى، سېزىمەن ئۆزۇمنى «سايرام» بويىدا.
دوستۇم سۆزلىرىڭ يادىمدا بولغاچ، «لېيك مونرو» بويىغا دائىم بارىمەن، ئوخشاش تۇيغۇ- ھىسلاردا يانغاچ، مەنمۇ دەل شۇ كۆلدىن مەدەت تاپىمەن.....
|
مۇھىم خەتكۈچلەر :
|
بىرىلگەن باھا
|
يوللانغان ۋاقىت :
2007-7-29 14:47:00
|
باھا :
0
|
كۆزىتىش :
55
|
|
|
|