|
مەكتەپ (مەمتىلى ئەپەندى)
|
|
|
|
AQURUK
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى :
7
جۇغلانما نۇمۇر :
4
nurkizi@163.com
يازما سانى :
84
باھا يازما سانى :
0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا :
يوق
|
|
|
|
|
|
|
مەكتەپ
مەبدەئى ھىلمۇ ھايا مەكتەپ ئىرۇر، (مۇلايىملىق ۋە ھايانىڭ باشلىنىشى) مەخزەنى سىدقو ساپا مەكتەپ ئىرۇر ( راستلىق ۋە پاكلىق خەزىنىسى)
مۇزلىغان دىللارنى ھەم چۈن نەۋباھار، سەبزە خوردام ئەيلىگەن مەكتەپ ئىرۇر.
توم تاراقى دۇنياۋى شەيئون ھەقىر، ( دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن خەۋەر بەرگۈچى) قائىدى راھى ھۇدا مەكتەپ ئىرۇر. (توغرا بولغان باشلاشنىڭ قائىدىلىرى)
كوللە مەن يەر جوكاما لەمفىل كاما، مەسلىكو دارى شىپا مەكتەپ ئىرۇر. (مەستلىكلەر شىپا تاپىدىغان دوختۇرخانا)
گەر باھار نۇر ئىزلىسەڭ مەكتەپلەردە، راھىتى ئىككى جاھان مەكتەپ ئىرۇر.
ھەركىشى ئىلىم ئىزدىبان مەكتەپسېرى، قائىدى راھى ھودا مەكتەپ ئىرۇر.
ئىلمى-ئىرپان ئىزدىسەڭ زىندان يىراق، ئىلمى گۆھەر زوبدىسى مەكتەپ ئىرۇر.
ئەي ۋەتەن ئەۋلادى،تۇرسەن،ياتمىغىل، ھەم ئەقىلنىڭ گۆھىرى مەكتەپ ئىرۇر.
|
مۇھىم خەتكۈچلەر : مەمتىلى , تەۋپىق
|
بىرىلگەن باھا
|
يوللانغان ۋاقىت :
2007-11-16 15:54:00
|
باھا :
0
|
كۆزىتىش :
64
|
|
|
|