تەلكە
تەلكە تاغلىرى مانا ،
يوللىرىدا ئادەم يوق.
قارىغايلىرى كېسىلگەن ،
ھەممە يېرى قۇپ -قۇرۇق.
تەلكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،
سايرام كۆلىگە باقتىم.
سايرامنىڭ ھالى خاراپ،
كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم.
(يېزىلغان ۋاختى ئېنىق ئەمەس)
سايرام كۆلى ئۆزەڭ كىچىك،دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن،ساھىللاردىن ئاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغاچ ئىگىز تاغلار ،
ئۈمتۈلىسەن،داۋانلاردىن ئاشالمايسەن.
1921-يىلى (بورتالا)
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 19:38:20]