تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ستېندال (1783 −1842- يىللار)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ستېندال (1783 −1842- يىللار)
tohtaji
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 39
toheti@qq.com

يازما سانى : 13
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

ستېندال

ستېندال (1783 −1842- يىللار) فرانسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. []«قىزىل ۋە قارا» رومانىنىڭ ئاپتورى. 
    سىتېندال(Stendhal)نىڭ ئەسلى ئىسمى ھېنرى بېل(b]Henri-Marie Beylb]) بولۇپ 1783-يىلى 1-ئاينىڭ23-كۈنى فىرانسىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى گىرنوبېل شەھرىدە، خانلىق ھوقۇق ۋە چېركاۋنى ھىمايە قىلىدىغان، تەبىقە ئىدىيىسى قاتتىق بىر كاپىتالىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، سىتېندالنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بىر پوپ بولۇپ سىتېندالنى قاتتىق ئاقسۆڭەكلەرچە تەربىيىدە باشقۇرۇپلا قالماي يەنە ھەتتا باشقا ئادەتتىكى پۇخرالارنىڭ بالىلىرى بىلەنمۇ ئارىلاشقىلى قويماي تەربىيەلىگەن. سىتېندالغا ئۇنىڭ ئىتالىيە قان سېستىمىسىدىن بولغان ئاپا تەرەپ بوۋىسى زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بوۋىسى دانتې ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان، ۋالتېر ۋە روسسونىڭ ئەسەرلىرىگە چەكسىز قول قويىدىغان دىموكراتىيە، باراۋەرلىك قارىشىغا ئىگە ئادەم ئىدى.
   بوۋىسى ۋە كېيىنكى مەكتەپ تەربىيىسىدە يېڭى ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچراشقان سىتېندال 1799-يىلى پارىژغا كېلىپ ناپالىيون ئارمىيىسىگە قاتناشقان ۋە ناپالىيوننىڭ ئارمىيىسى بىلەن بىللە ئىتالىيەگە كىرىپ ئاۋىستىرىيەنىڭ يەتكۈدەك زۇلمىنى تارتقان مىلانغا جايلاشقان. ئاۋىستىرىيەنىڭ يەتكۈدەك زۇلمىنى تارتقان مىلان ئاھالىسى فىرانسىيا ئارمىيىسىنى نىجات يۇلتۇزى دەپ بىلىپ ئىنتايىن دوستانە مۇئامىلە قىلغان، مىلاننىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سىتېندالدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
    1814-يىلى سىتېندال مەغلۇپ بولغان ناپالىيون ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ گېنرالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەربى كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ مىلانغا كەتكەن ۋە يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.
   1821-يىلى ئىتالىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندا ئىتالىيەدىكى سىتېندالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىموكراتچى فىرانسىيەلىكلەرنى چېگرىدىن قوغلىغان.
   1827-يىلى ستېندال فرانسىيىنىڭ «ئەدلىيە ئاخباراتى» گېزىتىدە: ياش يىگىت پېرد بىر پۇلدار ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۈرۈپ، ئۇ ئائىلىدىكى خوجايىن ئايالنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قالغان، كېيىن، بىر خىل كۈنداشلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭغا قەست قىلغان، دېگەن بىر ئىجتىمائىي خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر ستېندالنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدۇ، ئۇ ماتېرىيالنى ئوبدان پىششىقلاپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەت توغرىسىدىكى تونۇشىنى سىڭدۈرۈپ، سىياسىي پۇراق ۋە دەۋر پۇرىقى قويۇق بولغان بىر روماننى يېزىپ چىقىدۇ. دەسلەپتە ئۇ رومانغا «جۇلېئان» دەپ نام بېرىپ، كېيىن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «قىزىل ۋە قارا»دېگەن نامنى قويىدۇ ھەم «1830 - يىلىدىكى ئىشلار» دەپ قوشۇمچە تېما قويىدۇ.
    1834-يىلى سىتېندال ئىتالىيەگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە كېسەللىك ئىلكىدە«پارما مۇناستىرى»، «قىزىل ۋە ئاق» رومانىنى تۈگىتىپ كېيىن ئىقتىسادتا قىينالغانلىقتىن پارىژغا قايتىپ بارىدۇ.
   1842-يىلى 3-ئاينىڭ23-كۈنى سىتېندال ئۆزىنىڭ بىئوگراپىيىلىك رومانى«ھېنرى مارىيې بېلنىڭ تەرجىمھالى» ۋە باشقا بىر نەچچە ئەسىرىنى يېزىۋېتىپ تېخى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا ۋاپات بولىدۇ. ستېندال ھايات ۋاقتىدا ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىمۇ پەقەت سىڭلىسى، نەۋرە ئاكىسى ۋە يازغۇچى مېرىمېي ئۈچەيلەنلا ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقان.
    ستېندال ئۆزىنىڭ موشۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلىپ، «1880 - يىلىغا بارغاندا مېنى چۈشىنىدىغانلار چىقىدۇ»، «1935 - يىلىغا بارغاندا مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە بولىمەن» دېگەنىدى. ئۇ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن20- ئەسىر ئۈچۈن يازىمەن» دېگەنىدى.
   ستېندال كىچىكىدىنلا «ئەركسىزلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق» دېگەن ئەقلىيە سۆزگە ئېتىقاد قىلاتتى، ئەدەبىيات جەزمەن دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلاتتى...


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-6-22 23:25:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 26
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证