تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    siddiq
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    siddiq@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كارىز

    كارىز

       كارىز - تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەم -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى. ئىدىقۇت تېغى باغرىدىكى ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مۇشۇ كارىزغا تايىنىپ بۇ ۋادىنى بۈگۈنكىدەك مۇنبەت بوستانلىققا، دۇنياغا مەشھۇر <<ئۈزۈم شەھرى >>گە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت خەلقى كارىزنى «ھاياتلىق مەنبەسى» دەپ تەرىپلەيدۇ .
       تېخى يېقىنقى يىللارغىچە تۇرپان ۋادىسىنىڭ ئاسالىق سۇ مەنبەسى كارىز ئىدى. كارىز خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردەك تۇرپان ،پىچان ،توقسۇن رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ كېيىنكى يىللاردا كۇچار رايونىدا سىناق قىلىنىپ تازا ئۇمۇملاشمىغان.
       كارىز -ئونلىغان ، يۈزلىگەن يەر ئاستى قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆز -ئارا تۇتاشتۇرىلىشىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك بىرخىل ئېرىق بولۇپ، ئۇ پەقەت ئىدىقۇت باغرىنىڭ يەر تۈزىلىشىگە ماسلاشقان.
    ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىدىقۇت تاغ باغرىدا سۇلۇق بۇلاق بولغان، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلاق سۈيى يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقالماي، سۇ قاتلىمى پەسلەپ كەتكەن ، كىشىلەر سۇنى چىقىرىش مەقسىتىدە يەرنى چوڭقۇر كولاپ،بۇلاق سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى بىر قۇدۇقلۇق كارىز بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئۇيغۇرلار سۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قۇدۇق بىلەن قۇدۇقنى بىر -بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى ئېرىق چىپىپ ، ئېرىق ئىچىدىكى تۇپىلارنى سىرتقا يۆتكەش ئۈچۈن <<تۈڭلۈك >>ئاچقان . مۇشۇ تۈڭلۈك ئارقىلىق قودۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى قانالنىڭ توپىلىرىنى ياغاچ چىغرىق ياكى قول كۈچى بىلەن يەر ئۈستىگە تارتىپ چىقارغان . ھازىرغىچە<< يەتتە قىز>>نىڭ تاش ھەيكىلى بار تاغ باغرىدىكى قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقلۇق، ئىككى قۇدۇقلۇق كارىز ئىزلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن ، ئېگىزلىكتىن پەسلىككىچە قاراپ كولىنىدۇ. باش تەرىپى چوڭقۇر بولۇپ، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ ئاخىرى يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدۇ. ھازىرغىچە بۇ يۇرتتا قېزىلغان كازىرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن قۇدۇقى بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كىچىك كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە يېرىم كېلومىتىر بولۇپ ، بىر يۈز ئاتمىش بەش قۇدۇق بار. پىچان لەمجىندىكى كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.75كىلومېتىر بولۇپ ، بىر يۈز سەكسەن قۇدۇق بار . پىچان دالانكارىزدىكى <<ھۇلۇڭ>>كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز كېلومېتىر بولۇپ ، بىر يۈز توقسان بەش قۇدۇق بار.  تۇرپان ۋادىسىدا مۇشۇنداق كارىزلاردىن نۇرغۇنى بولۇپ ھازر گەرچە تۇرپان رايونىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن سانى ئازلاپ، نۇرغۇنلىرى قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىر راۋان ئىشلىتىلىۋاتقان كارىزلارنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ .
       كارىز سۈيى سوغۇق، ھەم سۈزۈك بولغاچقا تۇرپاننىڭ قىرىق گىرادۇستىن ئاشىدىغان ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە كارىز ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ كارىز سۈيى ئىچىش  كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .
       گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان ۋادىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ ، كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
       قىسقىسى خۇددى روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلوپ ئېيتقاندەك :«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشائاتى - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان، ئەمەلى ئەھمىيەتكە ئىگە قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتىدۇر».

    --------------------------------
    بۇ تېما ئەسلى "نىشان" ئەپەندىمنىڭ بولۇپ، مەن ئايرىپ تەھرىرلەپ قايتا يوللىدىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-5-31 4:55:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 428
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证