بىر ۋاقىتتا يىيىشكە بولمايدىغان يىمەكلىكل
1. قوغۇن بىلەن ھەسەلنى بىللە يىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قوغۇن تەركىبىدىكى شار ئاقسىلى ھەسەل تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە ئېچىتقۇلار بىلەن رىېئاكسىيەلىشىپ ھاسىل بولغان كاللەكسىمان شىرە ئاشقازان ئۈچەيدە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ .
2.تۇرۇپ ،كۈدە ئىستىمال قىلغاندا نەشپۇت ،ئاپلىسىن ،ئۈزۈمما قاتارلىقلارنى بىللە يىيىشكە بولمايدۇ . ئالدىنقى ئىككى خىل كۆكتاتتىكى ئامونى سىئان كىسلاتاسى مىۋە تەركىبىدىكى مىس بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ.
3.ياڭيو بىلەن تۇخۇمنى بىللە قورۇپ يىيىشكە بولمايدۇ . باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4 . ئۈجمە (جۈجەم) يەپ سۇ ئىچسە، ياكى ئۈرۈك يەپ چاي ئىچسە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
5.سۇت بىلەن مىۋە يىگەندە يەل پەيدا قىلىپ قورساق ئاغىرتىدۇ .
6. بېلىق بىلەن قېتىقنى بىللە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
7.تەرخەمەك بىلەن يەر پىستىگى (خاسىڭ)نى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ . تەركىبىدىكى ئاقسىللار رىئاكسىيەلىشىپ بەدەننى بىئارام قىلىدۇ.
8.بانان بىلەن ياڭيۇنى بىللە يىگەندە قورساقنى كۆپتۇرىدۇ.
9.پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇپۇ)بىلەن ھەسەلنى بىرگە يىگەندە قۇلاق ئاڭلىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. تۇرۇپ بىلەن قېرىن قۇلاق(مور) بىللە ئىستىمال قىلغاندا تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11.ھالۋابىدىت بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا بەدەندە تاش پەيدا بولدۇ.
12.كالا گۆشى بىلەن كاشتاننى بىللە يىگەندە ئاشقازاننى ئاينىتىپ بىئارام قىلىدۇ.
13. توشقان گۆشى بىلەن كەرەپشە ( چىڭسەي) نى بىللە يىگەندە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
14. سۇمپىياز بىلەن ھەسەلنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا كۆزنى زەخمىلەندۇردۇ.