ئۆرتەنمە يۈرۈگۈم ھەسرەت ئىلكىدە
ئۆرتەنمە يۈرۈگۈم ھەسرەت ئىلكىدە،
تەقدىرنىڭ يۈكىنى كۈتەر يەلكىدە.
زىمىستان قىش ئېلىپ قاچقاننى ساڭا ،
نەۋ باھار قايتۇرار كۆكلەم پەسلىدە .
سەن ئۈچۈن قانچىلاپ شەيئى تەخ بۇندا،
قارىغىن يەنىلا گۈزەل بۇ دۇنيا.
نىمىگە باغلانسا ئىشقىڭ رىشتىسى،
بولىۋەر يۈرۈگۈم ئاڭا مەھلىيا.