كۆڭۈل يېرىم بىر كۈز ئاخشىمى...
ھىجرانلىق دەم لەيلەپ يۈرەر كۆڭۈل يېشىمدا،
يۇپۇرماقلار مۇڭلىنىدۇ تەۋرىنىپ غەمكىن.
كۆرۈنمەيدۇ يىراقلاردىن ئۈمىت يۇلتۇزى،
ئېزىپ يۈرەر كۈز شامىلى تاپالماي تەسكىن.
مۇڭلىنىدۇ دەرتلىك كۆڭۈل سۈكۈت ئىلكىدە،
دومىلايدۇ سانسىز ئۆمۈر ئىسىت دىيىشىپ،
ئۆتەرمەنمۇ ئاداققىچە كۆرمەي ئاسايىش،
قايغۇرىدۇ يۇپۇرماقمۇ مەيىن تىترىشىپ.
بۇ مۇڭلۇق باش كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى،
ياش تۆكىدۇ غەمكىن ئاسمان ئاستا تىۋىشسىز.
ئۇزۇن-ئۇزۇن ئازاپ كەبى تولغانغان يوللار،
كۆرۈنىدۇ ئۆتكەندەكلا مەڭگۈ بەختسىز.
ئۈمچىيىدۇ دەل-دەرەخلەر كىرپىگىن نەملەپ،
بىلەلمەيدۇ، مىسكىن زىمىن ھالىنى ئۇنىڭ.
يىراقلاردىن ئېزىپ كەلگەن باش كۈز شامىلى،
قېدىرىدۇ سايىسىنى خىرە ئالەمنىڭ.
-------------------------
1990-يىلى 11-ئاي، ئاقسۇ-ئارال
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:34:11]