تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› قانۇنى ئىزاھ ۋە مەسلىھەتلەر ›› تېما يوللاش توغرىلىق سورالغان قانۇنى مەسلىھەتكە جاۋاپ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hatem
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11500
    452520590@qq.com

    يازما سانى : 19
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-2-24 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تېما يوللاش توغرىلىق سورالغان قانۇنى مەسلىھەتكە جاۋاپ

    تېما يوللاش توغرىلىق سورالغان قانۇنى مەسلىھەتكە جاۋاپ

         دۆلىتىمىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 10- ماددىسىدا «ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانى ۋە مال مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دىيىلىپ بۇنىڭ 12- تارمىغىدا«ئۈچۈر تورىدا تارقىتىش ھۇقۇقى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغى بەلگىلەنگەن. دىمەك ئەسەرلەرنى توردا تارقىتىش ھۇقۇقىمۇ قانۇن بويىچە پەقەت ئاپتۇرغا تەئەللۇق بولغان ۋە قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىدىغان ھوقۇق ھىساپلىنىدۇ.

             ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنىنىڭ 22- مادىسىىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا، باشقىلار ئەسەر ھۇقۇقى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ھەقسىز ئىشلىتىشكە يول قۇيۇلدىغان 12 تۈرلۈك ئەھۋال بار ( ئەلۋەتتە ئاپتۇر ئىسىمىنى ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى نامىنى ئەسكەرتىش زۈرۈر ).  بىراق بۇ 12 تۈرلۈك ئەھۋال سىز ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇڭا سىز ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى قىلمىش پىرىنسىپ جەھەتتىن خاتا ھىساپلىنىدۇ.

             بىراق << ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ كومپىوتىر تورىدىكى ئەسەر ھۇقۇقى ماجىراسى دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاش ھەققىدىكى بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى >> نىڭ 3-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا بۇرۇن نەشىرياتتا ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلەرنى ئەينەن كۈچۈرۈپ ،ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ توردا تارقاتسىڭىز ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىراق ئاپتۇرغا ھەق تۆلىشىڭىز كېرەك.  بولمىسا يەنىلا ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش قىلمىشى شەكىللەنگەن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

            يەنە يۇقارقى ئىزاھاتنىڭ 4-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا تور بېكەت ئىگىسىمۇ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىغا ئورتاق دەخلى قىلغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

           ئەگەر ئاپتۇر ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ ئادەم بۇلۇپ ئەسەردىكى ھۇقۇقى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولسا ( ئەسەرنى ھەرقايسى ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتى بويىچە پارچىلاشقا بولمىسا ) «ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنىدىكى» بەلگىلمىلەر بويىچە  بۇ ئاپتۇرلار ئەسەر ھۇقۇقىغا ئورتاق ئىگەدارچىلىق قىلغان بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا سىز بۇ ئاپتۇرلاردىن بىرسىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغان بولسىڭىز ھەم بۇنداق بىرسىدىنلا ماقۇللۇق ئېلىشىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسا سىزنى كۈچۈرۈپ تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.  ( لېكىن ئاپتۇرنىڭ كېيىن پىكىرىنى ئۆزگەرتىپ قېلىش ئېھتىماللىغى بولغان ئەھۋالدا بۇنداق ماقۇللۇق يازمىچە بولغىنى ياخشى )

           يۇقارقى مەزمۇنلارغا ۋە كونكىرىت جەريانلارغا ئاساسەن ئەگەر سىز ئەسەر ھۇقۇقىغا دەخلى قىلىپتىمەن دەپ قارىسىڭىز تورغا يوللىغان ئەسەرنى ۋاختىدا ئۈچۈرۋەتسىڭىز مەسئۇليىتىڭىز ئەڭ تۆۋەن چەكتە يېنىكلەيدۇ، ھەتتا مەسئۇليەتتىن خالاس قىلىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەگەر تور بېكەت ئېگىسى ئۈچۈرۈشكە يول قويمىسا سىز تور بېكەت باشقۇرغۇچىسىغا ئۈچۈرۈشنى ئۇختۇرغانلىغىڭىز ھەققىدىكى ئىسپاتنى ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. شۇندىن كېيىنكى مەسئۇلىيەت سىزدە بولمايدۇ.

               بۇ يەردە ئېيتىلغان <مەسئۇليەت> پەقەت ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت. جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى كۆرسەتمەيدۇ.

          مېنىڭ مەسلىھەتىم يۇقارقىدەك.

     

      كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە :

                   1. مەسلىھەت سورىغاندا نامىمنى تىلغا ئالماسلىغىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، چۈنكى مۇنبەردە يەنە باشقا  قانۇن بىلىمى بارلارنىمۇ مەسلىھەت بىرىشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۇرۇش زۈرۈر ۋە پايدىلىق.

                   2. ئەھۋاللارنى ئىمكان بار  كونكىرىت يېزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، چۈنكى قانۇن مۇناسىۋەتلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە تۈرى كۆپ .ئابىستىراكىت يېزىلغان بىر مەسىلىگە بىرىلگەن مەسلىھەت شۇ مەسىلىنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ماس كەلمەسلىك ئېھتىماللىغى زور. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونكىرىت يېزىلمىغان مەسىلىگە دەل قاراتمىلىق ھالدا مەسلىھەت بىرىشكە مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:31:02]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-5-14 4:57:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 232
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证