تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (1887-1952)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (1887-1952)
Nazaket
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13001
naza-kat@163.com

يازما سانى : 196
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

 نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (1887-1952)

 

   نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يۈكسەك ئىستېداتقا ئىگە ئالىم ، تالانتلىق شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ .
    نەزەر غوجىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوقۇمۇشلۇق كىلشەر بولۇپ ، ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ياشىغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت 1864- يىلى كۆتۈرۈلگەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . 1871-، 1881- يىللىرى چاررۇسىيە قوشۇنى ئىلى ۋىلايتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، ئىلىنى بېسىۋالدى . ھەم چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق ئېكىسپىلاتسىيسى ، ھەم يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ھالسىزلانغان ئىلى دەريا ساھىلىدىكى ئۇيغۇرلار يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇ كۆچمەنلەر ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئائىلىسىمۇ بار ئىدى .
نەزەر غوجا 1887- يىلى ھازىرقى قازاقسىتانغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئائىلىسى نەزەر غوجىنىڭ تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلگەن . ئابدۇسەمەت ئۇنى موللىلارغا بېرىپ ئوقۇتقان ، تارىخىي ۋەقەلەر، ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار قىلغان . ئەسلى يۇرتىنىڭ ئىلى دەريا بويىدا ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ ، ئوغلىنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرتىغا كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان . شۇڭا ، نەزەر غوجا بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا سادىر پالۋان ، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قوشاقلارنى يادلىۋالغانىدى . ئۇ مەكتەپكە كىرىپ تىرشىپ رۇس تىلىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۋالغان . ئۇ ئالمۇتادىكى زاۋۇت مەكتىپىدە بىر يىلغا يېقىن ئوقۇغاندىن كېيىن ، بىلىم تەشنالىقىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن تاتارستاندىكى قازان ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان ، كېينىرەك مىللى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رادىلوف ، مالوفتەك ئالىملار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئىگىلىگەن . يالقۇنلۇق ئىنقىلابچى ئابدۇللا روزىباقىيوۋ بىلەن چوڭقۇر دوسلتۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . ئۇلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىگەن ، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن .
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، نەزەر غوجا ئۇيغۇر بالىسى يەتتە سۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىميتىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان . يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوۋېت ھاكىميتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش جەھەتلەردىكى ئىجتىمائي - سىياسى پائالىيەتلەردە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان . ئۇ لېنىن يولىنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان . شۇڭا، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ : «نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت» (ئۇيغۇر بالىسى ) خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پىشقەدەم ئەدىب، دېموكرات ، شورالار ھۆكۈمىتىگە دوست، ئۇنىڭ يولىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر >> دېگەن .
نەزەر غوجا 1923- يىلى كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھاياتىنى غالجات يېزىسىدىكى كولخوزچىلار ئىچىدە ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن . غالجاتلىق ئاسىم قاسىموۋ مۇنداق يازغان :« 1923-، 1930- يىللاردا غالجاتتىكى سودا كوپېراتىپغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، خەلىق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشكە بىۋاستە غەمخورلۇق قىلغان، ھەم دېھقانلارغا ئۈلگە كۆرستىش ئۈچۈن قولىغا كەتمەن ئېلىپ ، غالجات غولىدىكى سۈيى ئوڭاي چىقىدىغان جايلاردىن ئەمەس ، بەلكى ئەڭ قىيىن، ئېدىر- قاپتاللارنى ئايلاندۇرۇپ ئۆستەڭ تارتىپ ، مۇشەققەتلىك ئىشقا باش بولغان . ھازىرقى  بۇ ئۆستەڭنى ) نەزەر غوجا ئۆستىڭى ، دەپ ئاتىشىدۇ.»

     1928- يىلى ستالىن « بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنى تازىلاش» دەيدىغان سولچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ ، زور تۈركۈمدىكى تاتار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە كوممۇنىستلارنى تۇتقۇن قىلغان ، باستۇرغان .«بۇ قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر نەزەر غوجىنىڭ ئىلگىرى تاتار زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ، ئۇنىمۇ تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان . ئۇنىڭ (تەييارتاپلار ) ناملىق شئېرىغىمۇ تەنقىدلەر يېزىلىپ ، ئۇنىڭغا تار مەزھەپچى ، تاقابىلچى ، دېگەن ۋە باشقا تامامەن ئاساسسىز تۆھمەتلەر چاپلانغان . ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ تەھدىتكە ئۇچىرىغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئابۇدللا روزىباقيوۋ ئۇنىڭغا ئىنىسى ئابدۇغۇپۇر روزىباقيوۋ (سولۇن )دىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگەنىكەن . دەرۋەقە ، ئۇ 1929- يىلى ئىلى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا قادىرى(جۇلقۇنباي) ، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ ، نۇر ئسرائىل ... قاتارلىقلار قاتتىق باستۇرۇلغان ».
     نەزەر غوجا 1929- يىلى كۈزدە خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا ماكانلاشقان . بۇ يەردىمۇ «غالجات مەھەللىسى» دېگەن بىر مەھەللە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مالىمانچىلىقلاردا كۆچۈپ كەتكەن غالجاتلىقلار ، شۇنداقلا نەزەر غوجىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ، تونۇش- بىلىشلىرى ئولتۇراقلاشقان .
جاغىستاي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان يېزا ئىدى . بۇ يەردە 1900- يىللاردىلا دىني مەكتەپلەر بار بولۇپ ، پەننى دەرسلەر قوشۇمچە ئۆتۈلەتتى. 1910- يىلىدىن كېيىن ، قازان ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن مىرزا مۇئەللىم ، مىسرىدىكى ئەزھەر دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن ناسۇھا داموللام ، ئەيسا داموللاملار مەسچىت يېنىغا پەننىي ۋە دىنني مەكتەپلەر قۇرغانىدى . نەزەر غوجا بۇ يەردە مۇنتىزىم بىرپەنني مەكتەپنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر پەننىي مەكتەپ سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە 1933- يىلى «بىرلىك»مەكتىپى سېلىنغان . نەزەر غوجا بۇ مەكتەپكە ئىقتسادىي جەھەتتىلا ياردەم بېرىپ قالماي ، يەنە قازان شەھىردىن دەرسلىكلەرنى ئالدۇرۇپ بەرگەن . ئوقۇغۇچىلار بىر خىل مەكتەپ فورمىسى كىيىپ تەنتەربىيە ئويناشنى يولغا قويغان . 1934- يىلى بىر كۇلۇب سېلىنىپ ، ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ ، يېزا خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ ، مەنىۋيتىنى بېيتقان . شۇ مەزگىللەردە، بۇ كۇلۇبتا «خىيالى تېۋىپ»، «نۇزۇگۇم»، «پەرھاد - شېرىن»، «نامەرد باي»قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئوينالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى«نۇزۇگۇم»بىلەن «نامەرد باي»نى نەزەر غوجا يېزىپ بەرگەن . ئۇ يەنە ئارتىسلارغا كۆپلىگەن ناخشا تېكستىلىرىنىمۇ يېزىپ بەرگەن . ئۇ مەكتەپتىكى بىر ئاممىۋى يىغىلىشتا سەنئەتنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلىپ :«خەلقنىڭ كاللىسىنى ئېچىشتا دورىدىنمۇ كۆرە سەنئەت مۇھىم» دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە نەزەر غوجا يازغان شئېر ۋە ماقالىلىرىنى «ئالغا » ، «ئىتتىپاق»قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا ئەۋەتىپ ، ئېلان قىلدۇرغان .«خۇشتىرخان»ناملىق داستاننى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا «دىلموك تېغى باغىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى»ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان. 1948- يىلى ۋە 1949- يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نەزەر غوجىنى يوقلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ، سۆھبەتلەردە بولغان . ئەخمەتجان قاسىمى كىشلەرنىڭ ئالدىدا نەزەر غوجىنى «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەتلىگەن. «1951- يىلى شائىر ئەلقەم ئەختەم ، يازغۇچى ماناپ قەدىرىلار جاغىستاي يېزىسىغا يەر ئىسلاھات كادىرى بولۇپ چىققاندا، نەزەر غوجا بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن».
   نەزەر غوجا ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراپ ، ياشانغاندا كېسەلچان بولۇپ قالغان . 1952- يىلى كەچ كۈزدە ، كېسلى قوزغىلىپ دورا ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان .<< ئۆز زامانىسىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى >>، << مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغان ۋە ئازابلانغان زىيالىيلرىمىزنىڭ بىرى>>، ئەل جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ مەرىپەتچىنىڭ مېيتى << بىرلىك>>-ھازىرقى جاغىستاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قەبىرستانلىققا دەپنە قىلىنغان .


 


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-5-8 11:11:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 55
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证