تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› ئىقتىسادى بىلىملەر ›› خەلقارا تورنامى ۋە يېڭى سودا
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
خەلقارا تورنامى ۋە يېڭى سودا
Qarluq
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 15567
qarluq@vip.qq.com
2877006
يازما سانى : 118
باھا يازما سانى : -60
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

  خەلقارا تورنامى ۋە يېڭى سودا

    خەلقارا تور بىرلەشمىسى (ICANN) دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتكە ئىككى ھەرپتىن تەركىپ تاپقان تور نامى ئاياقلاشمىسى بەرگەن بولۇپ ، بۇلار شۇ دۆلەتنىڭ خەلقارا ئىنتېرنىت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇپ باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە com ۋە  net قا ئوخشاش تور ناملىرىنىڭ قىس بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى شىركەتلەر يەنىلا  com ۋە  net قا ئوخشاش ياخشى تور ناملىرىنى باشقىلار ئىگەللىۋالغانلىقتىن كېيىنكىلەر ئىشلىتەلمەيدىغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسىنى ياخشى تور ناملىرىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان ۋاستىگە ئايلاندۇردى.  

     مەسىلەن تۆۋەندىكى تور ناملىرى ئاياقلاشمىسى قارىماققا ئادەتتىكى دۆلەت ناملىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن شەكىللەنگەن تور نامى ئاياقلاشمىسى بولسىمۇ ئەمما ئوكىيانىيە قىتئەسىدىكى كىچىك ئارال دۆلىتى تۇۋالۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ قىسقارتىلما نامىTV. نىڭ تېلېۋىزىيە دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئوخشايدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ TV. نى داڭلىق خەلقارا تور نامى ئاياقلاشمىسىغا ئايلاندۇردى. ھەتتا خەلقارادا مەخسۇس TV.  بىلەن ئاياقلىشىدىغان تور نامىنى ساتىدىغان DOTTV شىركىتى قۇرۇلۇپ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا بۇ نام ئارقىلىق نۇرغۇن ئىقتىسادى قىممەت ياراتتى.
   يەنە CC. ئەسلىدە ئاۋىسترالىيىگە قاراشلىق ھىندى ئوكياندىكى بىر كىچىك ئارال كوكوس ۋە كېللىڭ ئارىلىنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى بولسىمۇ ئەمما ئەنگىلىزچە Commercial Company دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئوخشاپ كەتكەچكە ئوخشاشلا ئالقىشقا ئېرىشىپ ئامېرىكىدىكى com.ۋە net. تىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلەتكۈچىسى كۆپ تور نامىغا ئايلىنىپ ئارال ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ بەردى.
    SH.  ئەسلىدە ئەينى يىللىرى ناپالىيون بۇناپارت سۈرگۈن قىلىنغان جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگىلىيەگە قاراشلىق  سانت- ھېلىنا ئارىلىنىڭ  تور نامى ئاياقلاشمىسى. ئەمما ئەنگىلىزچە Shop دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىدىن، تور نامى مەنبەسىنىڭ موللىغىدىن پايدىلىنىپ يېڭى بازار ئېچىپ كېڭىيىۋاتىدۇ.

تۆۋەندىكىسى خەلقارا تور بىرلەشمىسى (ICANN) دۇنيادىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن  تور نامى ئاياقلاشمىسى .  

 A
.ac        ئاسېنسىئون
.ad   ئاندوررا
.ae   ئەرەپ بەرلەشما خەلىپىلىكى
.af   ئافغانىستان
.ag     ئانتىگۇا ۋە باربۇدا
.ai   ئانگۇېللا(كارىپ دېڭىزىدىكى ئارال)
.al   ئالبانىيە
.am  ئارمېنىيە
.an   گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتېل تاقىم ئاراللىرى
.ao   ئانگولا
.aq   ئانتىراكتىدا
.ar    ئارگېنتىنا
.as   ئامېرىكىغا قاراشلىق ساموئا
.at    ئاۋستىرىيە
.au   ئاۋسترالىيە
.aw   ئارۇبا
.az  ئازەربەيجان

B
.ba  بوسنىيە-گىرىتسوگوۋىنا
.bb  باربادوس
.bd  بېنگال جۇمھۇرىيىتى
.be  بېلگىيە
.bf  بوركىنا-فاسۇ
.bg  بۇلغارىيە
.bh  بەھرەيىن
.bi  بۇرۇندى
.bj  بېنىن
.bm  بېرمۇدا
.bn  برۇنىي سۇلتانلىقى
.bo  بولىۋىيە
.br  برازىلىيە
.bs  باھاما
.bt  بۇتان پادىشاھلىقى
.bv  بۇۋېي ئارىلى
.bw  بوتسىۋانا
.by  بېلارۇسىيە
.bz  بېلىز

C
.ca   كانادا
.cc   كوكو تاقىم ئاراللىرى
.cd   كونگو(كىنشاسا)
.cf   ئوتتۇرا ئافرىقا
.cg   كونگو(بىرىزاۋېل)
.ch   شىۋىتسارىيە
.ci   كوتېدىۋا
.ck   كۇك تاقىم ئاراللىرى
.cl   چىلى
.cm   كامېرون
.cn   جوڭگۇ
.co   كولومبىيە
.cr   كوستارىكا
.cu   كۇبا
.cv   پىل چىشى تۇمشۇقى
.cx   روژدېستىۋا ئارىلى
.cy   سىپرۇس
.cz  چېخ

D
.de  گېرمانىيە
.dj  جىبۇتى
.dk  دانىيە
.dm  دومىنىكا(ئارال)
.do  دومىنىكا(ھايتىنىڭ خوشنىسى)
.dz  ئالجىرىيە

E
.ec  ئېكۋادور
.ee  ئېستونىيە
.eg  مىسىر
.eh  غەربى سەھرا
.er  ئېرىتېرىيە
.es  ئىسپانىيە
.et  ئىپوپىيە
.eu  ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى

F
.fi  فىنلاندىيە
.fj  فىجى
.fk  فولكلاند تاقىم ئاراللىرى(مالۋىناس)
.fm  مىكرونىزىيە فىدىراتسىيىسى
.fo  فاروئېر تاقىم ئاراللىرى
.fr  فرانسىيە
G
.ga  گابون
.gd  گرىنادا
.ge  گىرۇزىيە
.gf  فرانسىيەگە قاراشلىق گۇانا
.gg  گېينىس ئارىلى(ئەنگىلىيە)
.gh  گانا
.gi  جەبىلتارىق
.gl  گرىنلاندىيە
.gm  گامبىيە
.gn  گىۋىنىيە
.gp  گۇادىلوپ(فرانسىيە)
.gq  ئېكۋاتور گىۋىنىيىسى
.gr  گرىتسىيە
.gs  جەنۇبى گىئورگىيە ۋە ساندىۋىچ ئاراللىرى
.gt  گۇاتىمالا
.gu  گۇام ئارىلى
.gw  گىۋىنىيە بىسساۇ
.gy  گۇانا

H
.hk  شاڭگاڭ
.hm  خېرد ۋە مىكتون ئاراللىرى(ئاۋسترالىيە)
.hn  ھوندۇراس
.hr  كرودىيە
.ht  ھايتى
.hu  ۋېنگىرىيە

I
.id  ھىندونىزىيە
.ie  ئىرلاندىيە
.il  ئىسرائىلىيە
.im  مائىن ئارىلى(ئەنگىلىيە)
.in  ھىندىستان
.io  ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندى ئوكيان ئاراللىرى
.iq  ئىراق
.ir  ئىران
.is  ئىسلاندىيە
.it  ئىتالىيە

J
.je  جېرسى ئارىلى(ئەنگىلىيە)
.jm  يامايكا
.jo  ئىئوردانىيە
.jp  ياپونىيە

K
.ke كېنىيە
.kg قىرغىزىستان
.kh كامبودژا
.ki كىرىباتى
.km كومورو
.kn سانت كىس ۋە نىۋىس
.kp شىمالى كورىيە
.kr جەنۇبى كورىيە
.kw كۇۋەيت
.ky كايمان تاقىم ئاراللىرى
.kz قازاقىستان

L
.la لائۇس
.lb لىۋان
.lc سانت لۇسىيە
.li لېچتېنىشتېيىن كېنەزلىكى
.lk سىرىلانكا
.lr لىبىرىيە
.ls لىسوتو
.lt لىتۋا
.lu لىۇكسىمبورگ
.lv لاتۋىيە
.ly لىبىيە

M
.ma ماراكەش
.mc موناكو
.md مولداۋىيە
.me مونتېنېگرو(قاراتاغ)
.mg ماداغاسقار
.mh مارشال تاقىم ئاراللىرى
.mk ماكىدونىيە
.ml مالى
.mm بېرما
.mn موڭغۇلىيە
.mo ئاۋمېن
.mp شىمالى مارىيانا تاقىم ئاراللىرى(ئامېرىكا)
.mq مارتىنىكۇې(فرانسىيە)
.mr ماۋرتانىيە
.ms مونتېسىرات
.mt مالتا
.mu ماۇرتىيۇس
.mv مالدېۋى
.mw مالاۋى
.mx مېكسىكا
.my مالايسىيە
.mz موزامبېك

N
.na نامبىيە
.nc يېڭى كالىدونىيە(فرانسىيە)
.ne نېگىرىيە
.nf نورفولك ئارىلى(ئاۋسترالىيە)
.ng نېگىرىيە
.ni نىكاراگۇا
.nl گوللاندىيە
.no نورۋېگىيە
.np نېپال
.nr ناۋرۇ
.nu نىۇئې ئارىلى(يېڭى زىلاندىيە)
.nz يېڭى زىلاندىيە

O
.om ئومان سۇلتانلىقى

P
.pa پاناما
.pe پېرو
.pf پولىنىزىيە(فرانسىيە)
.pg پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى
.ph پىلىپپىن
.pk پاكىستان
.pl پولشا
.pm سان پىئېر ۋە مىكىلون(فرانسىيە)
.pn پىتكائىن ئاراللىرى(ئەنگىلىيە)
.pr پوئېر تورىكو(ئامېرىكا)
.ps پەلەستىن
.pt پورتۇگالىيە
.pw پالاۋ
.py پاراگۋاي

Q
.qa قاتار

R
.re رېئۇنىون(فرانسىيە)
.ro رومانىيە
.rs سېربىيە
.ru رۇسىيە
.rw رۇۋاندا

S
.sa سەئۇدى ئەرەبىستان
.sb سولومون تاقىم ئاراللىرى
.sc سېيشىل
.sd سۇدان
.se شىۋىتسىيە
.sg سىنگاپور
.sh سانت-ھېلىنا ئارىلى(ئەنگىلىيە)
.si سلوۋېنىيە
.sj سىۋالبارد تاقىم ئاراللىرى(ئەنگىلىيە)
.sk سىلوۋاكىيە
.sl سېررالىئون
.sm سان مارىنو
.sn سېنىگال
.so سومالى
.sr سۇرىنام
.st سان تومى ۋە پىرىنسىپى
.sv سالۋادور
.sy سۇرىيە
.sz سۋېزلاند

T
.tc تېكس ۋە كايكوس ئاراللىرى(ئەنگىلىيە)
.td چاد
.tf فرانسىيىگە قاراشلىق جەنۇبى ھىندى ئوكيان
.tg توگو
.th تايلاند
.tj تاجىكىستان
.tk توكىلاۋ
.tl شەرقى تىمور
.tm تۈركمەنىستان
.tn تۇنىس
.to تونگا
.tp شەرقى تىمورنىڭ بۇرۇنقى نامى
.tr تۈركىيە
.tt ترىنداد ۋە توباگو
.tv تۇۋالۇ
.tw تەيۋەن
.tz تانزانىيە

U
.ua ئوكرائىنا
.ug ئۇگاندا
.uk بۈيۈك بىرىتانىيە ئەنگىلىيە
.um ئامېرىكىغا قاراشلىق سىرتقى تاقىم ئاراللار
.us ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
.uy ئوروگۋاي
.uz ئۆزبېكىستان

V
.va ۋاتىكان
.vc سانت ۋېنسىت ۋە گىرىنادىس
.ve ۋېنسۇئېلا
.vg ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ۋېرگىنىيە تاقىم ئاراللىرى
.vi ئامېرىكىغا قاراشلىق ۋېرگىنىيە تاقىم ئاراللىرى
.vn ۋېتنام
.vu ۋانۇئاتۇ

W
.wf ۋالىس ۋە فۇتۇنا
.ws غەربى ساموئا

Y
.ye يەمەن
.yt مايوتتې ئارىلى (فرانسىيە)

Z
.za جەنۇبى ئافرىقا
.zm زامبىيە
.zw زىمبابۇۋى

ICANN بېكىتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى ب د ت خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولغاچقا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەلىپى ۋە خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە يولۇقىدۇ.مەسىلەن ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ su، يۇگۇسلاۋىيەyu ، شەرقى گېرمانىيەنىڭ dd. قاتارلىقلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن تەڭ ئەمەلدىن قالدى. زايىرنىڭ دۆلەت نامى كونگو غا ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن تور نامى ئاياقلاشمىسىzr. يېڭى دۆلەت نامىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ cd.غا ئۆگەرتىلدى.  سېربىيە ۋە مونتېنېگرو ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تور نامى ئاياقلاشمىسىcs. ئەمەلدىن قېلىپ سېربىيە rs، مونتېنېگرو me نى ئىشلەتتى. چېخوسلوۋاكىيە پارچىلانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تور نامى ئاياقلاشمىسى cs. ئەمەلدىن قېلىپ چېخcz. ۋە سلوۋاكىيەsk. گە پارچىلاندى.
      شەرقى تېمۇر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى tp. نى ئىشلەتمەيtl. نى ئىشلەتكەنلىكتىن ، بۈيۈك بىرىتانىيە gbنى ئىشلەتمەي بىرلەشمە پادىشاھلىق uk نى تور نامى ئاياقلاشمىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكتىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن تور نامى ئاياقلاشمىسىICANNنىڭ  بۇ قېتىملىق برازىلىيەدە ئېچىلغان يىغىنىدا ئۆچۈرۈلۈش بېكىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا نەچچە يۈزمىڭ ئىشلەتكۈچى بۇ ناملارنى ئىشلىتىۋاتقاچقا يەنە ئىككى يىللىق ئۆتكۈنچى ۋاقىت ئۇزارتىپ بېرىلدى. ئۆتكەن يىلى GOOGLE ۋە SONYERICSON، NOKIA قاتارلىق ئالاقە ساھەسىدىكى ماگناتلارنىڭ تەلىپى بىلەن قول تېلىفوندا تورغا چىققۇچىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجى ئۈچۈن mobi.  تور نامى ئاياقلاشمىسى تەسىس قىلىندى.  برازىلىيەدە ئېچىلغان يىغىنىدا يەنە خەلقارا تەشكىلارتلار ئۈچۈن  int. تور نامى ئاياقلاشمىسىنى تەسىس قىلىش بېكىتىلدى.

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-4-29 21:24:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 501
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证