تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەپەككۈر مىۋىلىرى ›› پۇشايماندا قالمايلى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
پۇشايماندا قالمايلى
Siddiq
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11501
Siddiq@qq.com

يازما سانى : 134
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

پۇشايماندا قالمايلى

   بۇرۇن بىر ئادەم سايدا كېتىۋاتسا ، قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر ئادەم ئۇنىڭغا، " ئەي بۇرادەر، يەردىكى شېغىللاردىن ئازراق ئېلىۋالغىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە ھەم خوشال بولىسەن ھەم پۇشايمان قىلىسەن" دەپتۇ.
   ھېلىقى ئادەم بىر چاڭگال شېغىلنى يانچۇقىغا ساپتۇ، ئەتىسى قولىنى يانچۇقىغا سالغانىكەن، يانچۇقىدىن بىباھا ياقۇتلار چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ھەم خوشال بوپتۇ، ھەم شېغىلدىن كۆپرەك ئېلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپتۇ.
   بىلىم ئىگەللەش يۇقىرىدىكى تەمسىلگە ئوخشايدۇ. بىز جاپادىن قورقماي، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كۆپرەك "گۆھەر" ئېلىۋالساق "ئەتە" چۇقۇم خۇشاللىنىمىز، كۆپرەك ئېلىۋالمىغىنىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
   بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزىمىزنى تونۇش مەسىلىسى. بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا ئېرىشەلمىگەنلىك ياكى ئوقۇغان كەسپىگە مۇناسىۋەتسىز خىزمەتكە بۆلۈنۈپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئۆگەنگەنلىرىنى يەپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ دەل سايدا تېرىۋالغان "گۆھەر"نى ساتمىغانلىق بىلەن باراۋەر. ئۆگۈنۈشتىكى مەقسەت ئىككى بىرى نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ توغرا ھايات مۇساپىسىدە مېڭىش، يەنە بىرى بىلگەنلىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش، كېيىنكىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئالدىقىسىنى ئۇنتۇش"ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس" دىگەنكىدەك ئاقىۋەت كەلتۈرسە، كېيىنكىسىگە سەل قاراش، مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئورنىمىز ۋە رولىمىزنى جارى قىلدۇرالماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
  ئۈمىدىم، كۆپرەك ۋاقتىمىزنى ئۆگىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋە ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ئەمەل قىلىشقا قارىتايلى.

-------------------------
"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دىكى ئابلىز ئابلەت مەخسۇم نىڭ يازمىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:23:13]

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-4-21 17:33:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 106
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证