پەرياد
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
بۇ مېنىڭ غەملىك كۆڭلۈم ، بولارمىكىن بىر كۈن شاد،
غەم تاغلىرىدىن ئۇچۇپ ، بولارمەنمۇ مەن ئازاد.
يا ھەمىشە قىينىلىپ ، زۇلۇم ئوتىدا كۆيۈپ ،
كۈننىڭ سېرىقىن كۆرمەي ، بولارمەنمۇ مەن بەربات .
ۋاقىتسىز غازاڭ بولغان ، باغلار چۆلگە ئايلانغان،
كۆڭۈلدىكى بۇ بوستان بولارمۇ يېنىپ ئاۋات.
بورانلاردا ئۇچماقتا مېنىڭ جان ئەمگەكلىرىم،
دەۋىردە ئىناۋەت يوق، كۈن-تۈن قىلىمەن پەريات!