مەن ئامېركىنىڭ ئىراق ۋەزىيىتىنى ھەقىقى تېنىچلاندۇرۇش مەخسىدىنىڭ بارلىغىدىن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى ئىراق تېنىچلانسا ۋەزىيەت ھەقىقى بىر مۇستەققىل دۆلەتكە ئۇرۇن بوشىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق دۆلەت ئىقتىسادى سىياسەت جەھەتتە ( بۇلۇپمۇ نېفىت سىياسىتىدە ) ئامېركىنىڭ ھازىرقىدەك ئىراقتا ئەركىن ئازادە ئىمتىيازلارغا ئىگە بۇلۇش شارائىتىغا ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئۇندىن باشقا ئىراق بەرىبىر ئىسلام دۆلىتى، ئۇ ئىسلام مەدەنيەت چەمبىرىگى ئىچىدە ھەركەت قىلىدۇ، خەلىقنىڭ ئامېركىلىقلارغا بولغان كۆزقارشى ئانچە ياخشى ئەمەس،ئامېركا بىر ئامېركاپەرەس ھۆكۈمەتنى ۋاستە قىلىپ بۇ ئەمەليەتنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇنغىچە ئامېركاپەرەسلىك مەيدانىنى ساقلىيالىشىغا ھىچكىم بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى خەلىقنىڭ قەلبىدە چۆڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇردۇ، كىشلەر ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە بۇ ئۇرۇشقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن باھا بىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىراقتا يەنە بىر تۇلۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەنى پەيدا قىلىش ئامېركا مەنپەتى ئۈچۈن قىمار ئوينىغاندەك ئىككىدىن بىر ئىش ھىساپلىنىدۇ. ئامېركا بۇ نۇقتىنى بىلمەيدۇ ئەمەس بەلكى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ. يالغاندىن بۇنداق ھەركەت قىلۋاتقانلىغى پەقەت ئامېركا ئىچى سىرتىنىڭ جامائەت بېسىمىدىن بۇلۋاتقان ئىش. تارىختا ھىچقانداق بىر دۆلەت ئۆز تەسىر دائىرسىدىكى يات مەدەنيەتلىك دۆلەتنىڭ كۈچۈيۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەس. ئامېركىغا باش ئاغرىغى ئەپكېلىدىغىان مەسىلە ئىراق تېنىچلانمىسا بۇ جاي تېرورچىلارنىڭ جەنىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بىراق ئامېركا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسۈتىدىغىنى ئىراقتا ئەركىن ئازادە ئىمتىيازغا ئىگە بولۋاتقان نېفىت شىركەتلىرىدىن ئىبارەت. بۇ شىركاتلەر ئۈچۈن تېرورچىلاردىن كېلىدىغان خەۋىپ مەنپەت ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس. شۇڭا ئىراقنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن سەۋىيەدىكى ھازىرقى قالايمىققان ھالىتى ئامېركىغا ئەڭ پايدىلىق بۇلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىراقنى پارچىلاشتىن ئىبارەت مەقسىدىگە يەتمەي قويمايدۇ، بۇ يەردىكى گەپ تۈركىيە ۋە ۋە باشقا ئىراقنىڭ پارچىلىنىپ ، كۇرتلار دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى خالىمايدىغان ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي تۇرۇپ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا. قارىغاندا شەرقى شىمالدىكى كۇرتلار ئاپتونومىيىسىگە ئەگىشىپ غەربى شىمالدىمۇ بىر سۈننى مەزھەبتىكى ئەرەبلەر ئاپتونومىيىسى ۋۇجۇتقا كېلىدىغاندەك، بۇ ئارقىلىق ئىراقنىڭ ئۈچ مۇستەقىل فىدىراتسىيەدىن تەركىپ تاپقان مەڭگۈ تىنجىمايدىغان دۆلەت بولۇشىغا ئاساس سېلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربى مەۋجۇتلىقىنى ئىران ۋە ئىراقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇۋاتقان كۇرتلار ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشى مۈمكىن.
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:38:38]