تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر قانچە ئۇرۇشلار
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر قانچە ئۇرۇشلار
Nazaket
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13001
naza-kat@163.com

يازما سانى : 196
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر قانچە ئۇرۇشلار

 

1. تاڭ سۇلالىسى مە زگىلىدىكى چوڭ - كىچىك بولورلار ئۇرۇشى

تاڭ سۈلالىسىنىڭ كەييۈەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ، گاۋ شيەنجى شاش بەگلىكىگە جازا يۈرۈشى قىلدى ،ئۇدۇننىڭ ھەربىي باشلىقى ياڭ خې قوشۇن باتلاپ ساكارائۇل بىلەن مېڭىپ ئۇر ۇشقا قاتناشتى . تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ 7- يىلى (748- يىلى ) گاۋ شيەنجى بولورنى ئىشغال قىلدى . ئۇ ئەنشىدىن چىقىپ ،پەرغانىدىن ئۆتۈپ . ۋۇبىدغا كىردى . سۇلى ئارقىلىق پامىرغا چىقتى ، ئەسلىدە ساكارائۇلغا قاراشلىق سارىقۇل قاتارلىقلار ئارتىلىق ، پامىر مۇزلۇقىدىن ئۆتۈپ ، تېلىمان دەرياسى بويىغا ئوڭۇشلۇق لەشكەر توپلىدى . شيەنجى يەنىلا لەئكەرلىرىنى 3 يولغا بۆلۈپ ، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى سار ۇغ - چوپاندا ئۇچراشتى . سار ۇغ - چوېاندىكى جەڭ غەلىبىدىن كېيىن ، گىلگىت دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، ئانۇ قەلئەسىگە كەلدى ، سانغۇن شى يۈەنچىڭ ، خې يۈرۇنلار ئاۋۋال يول - كۆۋرۈك ياسىتىپ ، كىچىك بولورنىڭ كاتتىۋىشىنى تۇتتى ، شينەجى ئۇلاپلا بولورلۇقلارغا ھەمدە مەلىكىگە تەسلىم بولۇش يارلىقى چۈشۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئېلىنى تىنچىتتى . يۈەنچىڭغا كۆۋرۈكنى ئۈزۈپ تاتلاشقا جىددىي بۇير ۇق قىلدى ، كۆۋرۈكنىڭ ئەمدىلا ئۈزۈلۈشىگە تۈبۈتلەر قوشۇنى يېتىپ كەلدى ، لېكىن قوغلاپ يېتەلمىدى .

2. قارىخانىيلار سۇلالىسى بىلەن خوتەنلىكلەرنىڭ ئۇرۇشى

971- يىلى خوتەنلىكلەر قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ غازاتنى شۇئار قىلىپ ،تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە قارشى تۇر ۇپ ، ئۇلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى ، خوتەن پادىشاھى ۋىكسۇلا بىر مەھەل قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەر ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ ، زور تۈركۈمدىكى ئولجىنى قولغا كىرگۈزۈپ قايتتى .992- يىلى خوتەنلىكلەر 3- قېتىم قەشقەرگە باستۇر ۇپ كەلدى . قارىخانىيلار دۆلىتى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، خوتەن قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ ، قوغلاپ يېڭىسار سېپىگىچە باردى ، كېيىن خوتەن قوشۇنىنى ھەيدەپ بۈگۈنكى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا ئاپاردى ، 7 كېچە - كۈندۈزلۈك قانلىق جەڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تارتىپ بولدى قىلىشتى .
998- يىلى خوتەنلىكلەر قارىخانىيلار غوللۇق كۈچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇر ۇش قىلىۋاتفانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بۇددا كۈچلىرىنى قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتتى ، ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ ، قەئقەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى . قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ چوڭ خاتانى ئەلى ئارىسلانخان قوئۇن باشلاپ قايتىپ كېلىپ ، 5 ئايدىن كۆپرەك شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ، پايتەت قەشقەرنى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە خوتەن قوشۇنىغا غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بەردى ، بۈگۈنكى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىس بىلەن يېڭىسار ناھىيىسى چېگرىسىدىكى ھاراپ قۇملۇقىغا بارغاندا خوتەن توشۇنلىرىغا 3- قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇب بولدى ؛ خوتەن قوشۇنى 3- قېتىم قەشقەرنى ئىگىلىدى . قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سەركەردسى يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن 140 مىڭ مۇسۇلمان قوشۇنى قوبۇل قىلىپ ، 2- يىلى قەشقەرگە كېلىپ ، خوتەن قوشۇنلىرىنى تارمار تىلىپ ، پايتەختنى قايتۇرۇۋالدى .
خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەردىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، قاغىلىقنىڭ تۇم رابات ئەتراپىغىچە چېكىنىپ مۇداپىئەدە تۇردى . يۈسۈپ قادىرخان قوشۇن بائلاپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ خوتەن خانلىقىنىڭ پايتەختىگىچە باردى . خوتەن پادىشاھى شەھەرنى تاشلاپ چېكىنىپ قۇرۇمتاغلىرى ئارىسىغا كىرىۋالدى . يۈسۈپ قادىرخان لەشكەر تارتىپ تاغقا كىردى ، نەچچە رەت تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىرمۇنچە سانغۇن ۋە لەشكىرىدىن ئايرىلدى . 1000- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىككى تەرەپ بۈگۈنكى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بومتان يېزىىى ئەتراپىدا تۇتۇشۇپ قالدى ، خوتەن قوشۇنلىرى قارىخانىيلار قوشۇنىنىڭ تەييارلىقسىز ھالىتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى . قارىخانىيلار قوشۇنى پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىپ ، قەشقەرگە قايتتى .
1006- يىلى يۈسۈپ قادىرخان قايتىدىن سۇلالىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنىنى باشلاپ خوتەنگە جازا يۈرۈشى قىلدى ، نەچچە تېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ ئارقىلىق خوتەن پادىشاھى مەغلۇپ بولاپ جەڭدە ئۆلدى ، خوتەن ھاكىمىيىتى ھالاك بولدى .

3. ئابابەكرىنىڭ ئىستىلا ئۈرۇشى

15- ئەىىرنىڭ 60- يىللىرىدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناقلىق بولماي ، ئابابەكرى ياركەت تەرەپلەردە كۈچىنى زورايتىپ ، تاغىسى مۇھەممەت ھەيدەر بىلەن قارشىلاشتى . لەشكەر باشلاپ قەشقەر شەھىرىگە ئىككى كۈنلۈك يول قالغان جايغا كەلدى . مۇھەممەت ھەيدەر نەچجە تۈمەن قوشۇن ئەۋەتىپ ، يېڭىساردا تۇر ۇۋاتقان ئابابەكرى قوشۇنىغا ھۇجۇم قوزغىدى . ئابابەكرى ئېغىر بېىىقلىق بىلەن جەڭگە چىقىپ ، ئاز قوشۇن بىلەن كۆپ قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىب ، ھەيدەر قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى ، شۇنىڭدىن كېيىن ئابابەكرى 3000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن قەشقەر شەھىرىگە قىستاپ كېلىپ ، مۈھەممەت ھەيدەرنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ، ئۇنىڭ ئاساىىي كۈچىنى تارمار قىلدى . مۇھەممەت ھەيدەر شەھەر ئىچىنى مۇستەھكەم ساقلاپ تۇر ۇپ ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىكى يۇنۇسخاندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئادەم ئەۋەتتى .
1479- يىلى يۇنۇسخان 50 مىڭ لەشكەر باشلاپ . ئوتتۇرا ئاسىيادىن مۇھەممەت ھەيدەرگە ياردەم بېرىشكەكەلدى، ئابابكرى ياركەت شەھىرىگە چېكىنىپ مۇداپىئەدە تۇردى . يۇنۇسخان قىسىملىرى ھەيدەر قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بولۇپ ياركەت تەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى . ئابابەكرى قارشى تەرەپنىڭ پۇختا ئور ۇنلىشىپ بولالمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، سەرخىل لەشكەرلىرىنى توپلاپ يۇنۇسخاننىڭ ھەربىي لاگېرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى ، قايتا- قايتا ئېلىشىش نەتىجىسىدە يۇنۇسخان بەرداشلىق بېرەلمەي بەدەر قاچتى . بىرلەشمە ئارمىيىمۇ پارچىلىنىپ قەشقەرگە چېكىندى ، كېيىنكى يىلى كۈزدە يۇنۇسخان 60 مىڭ كىشىلىك زور قوئۇننى باشلاپ يەنە كەلدى ، قەشقەردىكى 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن بىرلىشىپ ، يەنە بىر قېتىم ياركەنتكە قىستاپ باردى . ئابابەكرى يۇنۇسخاننىڭ ئاتلىق چىققانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تۇيدۇرماي تېگىش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى ، بىرلەشمە قوشۇن ئاقسۇغا چېكىندى ، ئابابەكرى غەلىبە بىلەن قەشقەر شەھىرىنى ئالدى . 1483- يىلنىڭ. ئالدى - كەينىدە ئابابەكرى ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئېلان قىلىپ ، قەشقەر ، ياركەنتنى مەركەز قىلغان بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنى قۇردى ، " تارىخى رەشىدى " دە بۇ " قەشقەر پادىشاھلىقى" دەپ ئاتالدى .


 

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:45:47]

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-4-1 12:27:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 1780
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证