مۇئەللىم ،رولىڭىزنى بىلەمسىز
( تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىككى كەلىمە سۆز )
« مۇئەللىم گويا بىر باغۋەن ، ئۇ ئۆز ئەجىر- مېھنىتى بىلەن باغىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ، ئۇنى تەملىك مېۋە بېرىدىغان ياراملىق كۆچەتكە ئايلاندۇرىدۇ. »
« مۇئەللىم گوياكى شام . ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا ئۆزىنىڭ نۇرلىرىنى چېچىپ ، قاراڭغۇلۇقنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ . »
« مۇئەللىم ئۇلۇغ ئىنسان ، ئۇنىڭغا توققۇز قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشىكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. »
يۇقىرىقىلار سىزدەك ۋە مەندەك مۇئەللىملەر ئۈچۈن بېرىلگەن باھالاردۇر. بۇ باھالارنى سىز ۋە مەن ئوقۇتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار بەرگەن . ئۇنداقتا ، سىز ۋىجدانىڭىز بىلەن جاۋاب بېرىپ بېقىڭ :
مۇئەللىم بولۇش سۈپىتڭىز بىلەن بۇ ناملارغا لايىق ئىش قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بېرىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك ھەمدە چاڭقىغاندا بېرىلگەن سۇدەك بېرەلىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا پايانسىز دەشت- چۆلدە ئۇسسۇزلۇق ، ئاچلىق ، ھارغىنلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كارۋانغا يىراقتىن كۆرۈنگەن دەرەخلىك مەھەللە بەرگەن خۇشاللىقتەك خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ ؟
سىز تىل - ئەدەبىيات دەرسى مۇئەللىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دەرسنىڭ « ئۆلچىمى » ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا بېرىلگەن : « قوراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىقىنىڭ بىرلىكى - تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى » دېگەن ئىزاھاتنى بەلكىم كۆرگەنسىز . تەجىربىسى بار ، كەسىپتە پىشقان مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە سائەتلەپ لېكسىيمۇ سۆزلىگەن . سىز بۇنى ئەمەلىيتڭىزدە قانچىلىك كۆرسىتەلىدىڭىز ؟
بۇ دەرسنىڭ قوراللىق خاراكتېرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلارشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز ھېس قىلدىڭز . ئەمما ، ئوقۇش ،يېزىش جەھەتتە توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ، ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان بىرەر پارچە شئېرنىمۇ ئوقۇيالماي ، گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ھېقىقداپ كېتىۋاتقان ، بىر پارچە ئەسەر تۇرماق ، سىز ئېيتىپ بەرگەن ئادەتتىكى جۈملىلەرنىمۇ توغرا ، جايىدا يازالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭىزدە ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 يىل مۇقەددەم دىيارىمىزدا ياشاپ ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقى ۋە ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، دۈشمەننىڭ قولىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، يېڭى دەۋىر مائارىپچىلىرىغا « پىر » قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيدىغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىسقىغىنا ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاتۇش خەلقىنى ساۋاتلىق قىلىپ چىققانلىقى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنداق دېسەم ، سىز بەلكىم بۇ قاچان ، ئۇ قاچان ؟ دەرسىز . ئەمما ، بۇ دەۋىر بىلەن ئۇ دەۋرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگندە ، ھازىرقى دەۋرىمىزنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ساناشقا بارماقلىرىمىز يېتىشمەيدۇ . لېكىن ، ئوقۇغۇچىلرىمىز يەنىلا شۇنداق ھالەتتە ئوقۇش پۈتكۈزۋاتىدۇ.
ئېنىقكى ، بۇ بالىلار جەمئىيەتكە چىقىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ساۋاتسىزلارغا ئايلىنىدۇ . خەلقئارادا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەمنى ساۋاتسىز دەپ ئېلان قىلغان يەردە، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆز ئانا تىل - يېزىقىدا ئىسمىنى يازالمايۋاتقان بۇ بالىلار ئۈچۈن قانداق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتىدىن ئويلاشسۇنمۇ ؟
بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ ، بەلكىم « ئاشۇرۋېتىپتۇ » دەرسىز . لېكىن ، بۇنداق بالىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئەمەس، سىنىپ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت . ئەگەر بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇپ ھېسابلىساق بۇ سان قانچىلىك بولار ؟ بۇنى يىللارغا كۆپەيتىپ ھېسابلىساقچۇ ؟
بۇ بالىلار بۇ سەۋىيە ، بۇ تەپەككۇر بىلەن قالغان بىلىملەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ ؟ « ئۆلچەم » دە بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر خاراكتېرىنىڭ گۇمانىتارلىقى ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن . بۇ يەردىكى گۇمانىتارلىق دېگەن سۆزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ، ئەدەبىياتتا بۇ خىل روھنىڭ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولغانلىقى بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز .
« سەنمۇ ھەق ، مەنمۇ ھەق » دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ روھانىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەنسۇ ئەللاجىنىڭ ئىنساننى سۆيۈشى ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش روھىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىتىش ھەرىكىتى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى ئەلشىر نەۋائىي دەۋرىگىچە شەكىللىنىشى ، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىسڭىز كېرەك .
بۇ يەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، مېنىڭچە ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ شەخسىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى سۆيۈشتە ماھىيەتتە شۇ شەخىسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ۋەتەننى ، ئۆز مىللىتىنى ( مىللىتىنىڭ تىلى ، تارىخى ، مەدەنىيتى ) نى سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بۇ خىل روھنى سىڭدۈرۈشكە قانچىلىك ئەجىر قىلدىڭىز ؟
پارتىيمىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ، پارتىيلىك يولداشلارنىڭ ئامان قېلىپ ، ئىنقىلاپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىپ ، دۈشمەن جادۇسىدا توغرالغان لىيۇ خۇلەننىڭ ئۇلۇغۋار كۆرەش روھىنى سۆزلىگىنىڭىزدە ؛ دۈشمەننىڭ زۇلىمىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ ، جەڭگە قاتناشقان ، كېيىن مىللى غورۇر ، ئار - نومۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان سولۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قاچاق ، كېيىن شۇ گۇناھى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغان نۇزۇگۇمدەك قىزلىرىمىزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، پۇل ، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ شرىن خىيالىنى سۈرۈۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە بىر تال چىۋىق ئۇرالدىڭىزمۇ ؟ قەھىرىمانلىق توغرىسىدىكى مەزۇنلارنى سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ، ئوخشاشلا دۈشمەنگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپ ، تاغقا قاپسىلىپ قېلىپ ، ئاخىر ئامالسىز ھالەتتە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ ، ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تاشلىغان مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش پەلسەپەسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بالىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىۋاتقان غورۇر دەرۋازىسىنى چېكەلىدڭىزمۇ ؟
« يەتتە تال برىليانىت » دېگەن تېكىستتە ، ئاغىرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىسنىڭ تەشنالىقىنى بېسىش ئۈچۈن ، سۇغا ماڭغان قىزچاقنىڭ سۇنى تېپىشى ۋە باشقىلارنىڭ تەشنالىقىنى ئۆزىدىنمۇ ئەلا بىلگىنى ئۈچۈن يەتتە تال بىرىليانتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ؛ كېسەل ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن ، دورا ئۆسۈملۈكىگە ماڭغان ئوغۇلىنىڭ خىلمۇ خىل توسالغۇ ، قىينچىلقلارنى يېڭىپ ، ئاخىر بۇ دورىنى ئەكىلىپ ، دادسىنىڭ كېسلىنى شىپا تاپتۇرغانلىقى بايان قىلنغان « ۋاپادار ئوغۇل » چۆچىكىنى ئېيتىپ ، ئاتا - ئانىسىغا پۇل جېدىلى قىلىپ ، تورخانا ، يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كۆنۈپ قېلىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن ، ئىنسانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئاتا- ئانىسنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟
ئوغۇزخان تۇلپارلىرىنىڭ كىشىنىشنى ، تۇمارىسنىڭ ئوتلۇق خىتابىنى ، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئاققىنىنى ، چەكسىز قۇم بارخانىلىرى ئارسىدا تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تۆگىلەرنىڭ كولدۇرمىلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ، ئانا تارىمنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىتالىدىڭىزمۇ ؟ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ھېس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ ؟
قىسقى ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ، دۆلەت ، مىللەت ، جەمئىيەت ، ئائىلە ئۈچۈن قانداق ئادەم كېرەكلىكىنى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قانداق ياشىسا ئادەمدەك ياشىغان بولدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالىغان ، ھەسەل ھەرىسى كەبىي گۈل شىرنىلىرىدىن تەنگە ، روھقا شىپا بولدىان ساپ ھەسەل ئىشلەپچىرالىغان بولسىڭز ، ئۆز رولىڭىزنى چۈشەنگەن ، ئۆز قىممىتىڭىزنى ياراتقان بولىسىز .
« شىنجاڭ مائارىپ » ژورنلىدىن .