ھاياتقا تەبىر
قەيسەر تۇرسۇن
بىر ناخشا بار شۇنداق يېقىملىق ،
ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر پەقەت .
ئاڭلىغاندا ئاھ، ئۇنى تەكرار ،
قوزغىلىدۇ دىلدا جاراھەت .
بىر بۇلاق بار شۇنداق سۈپسۈزۈك ،
ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر ھامان .
ئەمما ئاشۇ بۇلاق تۈۋىدە ،
قاپلاپ تۇرار دىلنى زىمىستان .
بىر گۈلخان بار شۇنداق مىسلىسىز ،
ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر يەنە .
ئۇنى چەكسىز ئۇلغايتىپ بارار،
يۇلتۇزى يوق قاراڭغۇ كېچە .
بىر ئەينەك بار شۇنداق قاتمۇ قات ،
ئۇنىڭ ئىسمى ھايات ئېھتىمال .
بىزنى كۆرۈپ تۇرار ئۇ بىراق ،
بىز ئۇنىڭغا قاراشتىن ئاۋۋال .
بىر تېپىشماق بار بەكمۇ مۇرەككەپ ،
ئۇنىڭ ئۆزى ھاياتتۇر ، دېمەك .
تاپالمايدۇ مېنى تۈندە ھەم ،
چۈشلىرىمگە كىرگەن كېپىنەك .
تۇرمۇشۇمنىڭ دېرىزىسىدىن ،
چۈشلىرىمگە تاشلايمەن نەزەر .
ئۆلۈم ئۇلۇغ بولغاچقا پەقەت ،
ھايات چەكسىز گۈزەل شۇ قەدەر .
تېنىمدەكلا ئاجىز مەن بۈگۈن ،
ھېسلىرىنى قىلىشقا ئىنكار .
تۇرمۇش غەمكىن شىلدىرلىماقتا ،
ئەمما ھايات شۇنداق جەڭگىۋار .