رۇبائىيلار
ئابابەكرى ئالىم
بەزىلەر دولاڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ ،
« لەببەي » دەپ يېنىڭدا تۇرۇپ قويىدۇ.
ئويلىنىپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى ،
يولۇڭغا قاپقاننى قۇرۇپ قويىدۇ.
پىتنىخور غەيۋەتچى سۆزىدىن ئايان ،
قاش ئېتىپ ئويناتقان كۆزىدىن ئايان .
پۈتمىسەڭ سۆزۈمگە قاراپ باق ئۇنىڭ ،
ئەلەمدە تاتارغان يۈزىدىن ئايان .
ماختانچاق ھەر قاچان يۈرەر ماختىنىپ ،
مەدھىيە ئالقىشقا ئۆتەر ئالدىنىپ .
ئۇنداقلار بىر مەھەل تاپسىمۇ بازار ،
ئاقىۋەت زاماندىن قالار شاللىنىپ .