تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭ ›› دۇنيادا ئەڭ ›› دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت قايسى؟
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت قايسى؟
Qarluq
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 15566
qarluq@vip.qq.com
2877006
يازما سانى : 118
باھا يازما سانى : -60
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

     دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى يەتتىسى روسىيە، كانادا، جوڭگۇ، ئامېرىكا ۋە بىرازىلىيە، ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان.
روسىيىنىڭ يەر مەيدانى 17مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم زىمىنى ياز پەسلى 3ئايغا يەتمەيدىغان سوغۇق قۇتۇپقا يېقىن رايونلار بولۇپ ، ھەقىقى ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا توغرا كېلىدىغان زىمىنى5مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر ئۆپچۆرىسىدە كېلىدۇ.
كانادانىڭ يەر مەيدانى 10مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر، بىراق كانادانىڭ ئەھۋالى روسىيىدىنمۇ ناچار بولۇپ شىمالدىكى مۇزلۇق زىمىننى چىقىرىۋەتكەندە ئوخشاشلا ھەقىقى ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا توغرا كېلىدىغان زىمىنى3مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر ئۆپچۆرىسىدە كېلىدۇ.
جوڭگۇنىڭ يەر مەيدانى يەر مەيدانى 9مىليۇن600مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر ، بىراق بۇ ساننىڭ ئىچىدە بىر مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تەكلىماكان، چايدام، ئىچكى موڭغۇل قۇملۇقلىرى ۋە ئىككى مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدىغان تېبەت ئىگىزلىكى با بولۇپ  ئەمەلى پايدىلانغىلى بولىدىغان زىمىنى5مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر ئۆپچۆرىسىدە كېلىدۇ.
    ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى 9مىليۇن400مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ بىر مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق ئالىياسكا ۋە 300مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق كالفورنىيە، كولورادو تېكساس&مېكسىلا چۆللۈكلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئىگىز تاغ، قۇملۇق، ياكى ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان زىمىن يوق دىيەرلىك. ئەمەلى پايدىلانغىلى بولىدىغان زىمىنى 8مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ روسىيە، كانادا، جوڭگۇدىن كۆپ يۇقىرى تۇرىدۇ.
بىرازىلىيە زىمىندا 5-ئورۇندا تۇرىدىغان 8مىليۇن500مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ تەخمىنەن ئىككى مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر زىمىنى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىنىڭ تۇپراق ئېقىشى يۇقىرى بولغان، يۇقىرى تېمپىراتۇرا، يۇقىرى ھۆل يېغىنلىق، ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن ئېكۋاتۇرغا جايلاشقان بولۇپ ئەمەلى پايدىلانغىلى بولىدىغان زىمىنى 6مىليۇن500مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن يۇقىرى بولۇپ روسىيە، كانادا، جوڭگۇدىن  يۇقىرى، ئامېرىكىدىن كېيىن تۇرىدۇ.
   ئاۋسترالىيەنىڭ 7مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىردىن كۆپ زىمىنى بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈملۈك زىمىننىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولۇپ ۋىكتورىيە چۆلى، شىمالدىكى قەبىلىلەر رايونى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلى پايدىلانغىلى بولىدىغان زىمىنى 3مىليۇن500مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن سەلللا ئاشىدۇ.
    ھىندىستاننىڭ زىمىنى 3مىليۇن كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ كىچىككىنە تار چۆللۈكى ۋە شىمالدىكى ھىمالايا تاغلىق رايونىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىلا يېرى دىگۈدەك دېھقانچىلىققا ماس، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، ئاداەملەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا باپ كېلىدۇ.
  يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى ۋە نورمال ياشاشقا بولىدىغان دۆلەت زىمىنى بويىچە ھىساپلىغاندا ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا، بىرازىلىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:13:47]

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-3-23 12:19:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 360
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证