تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› يادلاپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر شېئىر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Qarluq
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14001
    qarluq@vip.qq.com
    2877006
    يازما سانى : 118
    باھا يازما سانى : -67
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-3-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يادلاپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر شېئىر

           يىللارغا جاۋاپ

    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
    ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ،
    يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

    ئوغىرلاپلا قاچىدۇ، ئارقىغا باقماي،
    بىر-بىرىنى قوغلىشىپ يورغىلىشىپ.
    ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
    يۇپۇرماقلار تۆكۈلىدۇ پۇرلىشىپ.

    ياشلىق ھاياتنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
    ياشلىق گۈلىدىن بىر يۇپۇرماق.

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
    يۇپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال.
     يىللار سېخى- قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
    مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
    چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

    يىللارنىڭ قوينى كەڭ پۇرسىتى نۇرغۇن،
    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
    قاراپ باق تۈنۈگۈنكى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
    ئاخشام ئۆمىلەپ، ھە بۈگۈن يۈگرەپ يۈرىدۇ.

    كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
    كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
    ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

    مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
    ئىجات شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

    قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
    شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
    ئۆلۈم پەستە قېلىش، كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
    كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
    يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.

    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

    يىللار دېڭىزى ھەرقانچە دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
    دولقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
    قېرىتىمەن دەپ قورقىتىپ باقساڭمۇ،
    ئىجات يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاپ.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 7:49:02]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : لۇتپۇللا مۇتەللىپ , يىللارغا جاۋاپ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-4-2 0:29:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 618
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证