تۆھپىكار مائارىپچى ، مەشھۇر تىلشۇناس ، ئەدەبىي تەرجىمان ھەم پېشقەدەم نەشرىياتچى ئىبراھىم مۇتئي 1920- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇرپان شەھىرىدە كاسىپ (تىككۈچى ) ئائىلسىدە تۇغۇلغان . ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيى، ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە 1935- يىلغىچە ئۈرۈمچى تاتارلار مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1935- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنۋىرستېتنىڭ ، مەمۇرى ھوقۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . ئۇ مەكتەپتە بىر ياقتىن ئۆزبېك ، رۇس تىللىرىنى ۋە ئومۇمىي پەنلەرنى سىستېمىلىق ئۆگەنسە ، يەنە بىر ياقتىن S.Y.Malof قاتارلىق سوۋېت تۈركلوگلىرىنىڭ تۈركى تىللىرىغا خۇسۇسەن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئەمەلىي خىزمىتى ۋە ئىلمى تەتقىقاتىغا پۇختا ئاساس سالغان.
ئىبراھىم مۇتئي 1937- يىلى تاشكەنتتىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، تىل ۋە پىداگوگىكا دەرسلىرىنى بەرگەن .
مائارىپ سېپىدە جان دىل بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىبراھىم مۇتئي 1940- يىلى شىڭشىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىبراھىم مۇئي شىنجاڭ ساقچى زابىتلار ف(ئوفېتسىرلار ) مەكتىپى قارمىقىدىكى تەرجىمانلار كۇرسىغا دەرس ئۆتۈشكە بۇيرۇلغان . ئۇ نەزەربەنىت ئاستىدا تۇرسىمۇ، ئۇقتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە ئىلمى تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر تىلى سەرفى (مورفولوگىيىسى )، ئۇيغۇر تىلى نەھۋى (سىنتاكسىسچى )، ئۇيغۇر تىلى قائىدىلىرى (ئىستىلىتكىسى )، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاددى ئىملا قائىدىسى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىققان . بۇلار 1948- يىلى مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە قوللانما ، نەشرىيات ئاخبارات ئورۇنلىرىدا پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنغان .
ئىبراھىم مۇتئي 1945- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئاۋۋا كەسپى بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ، كىيىن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان . ئۇ ئوقۇتۇش بىلەن ئىلمى تەتقىقاتنى تەڭ تۇتۇپ، تۈركى تىللارغا ئائىت بىر مۇنچە ئىلمى ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان . ئۇ خەنزۇ تىلدىن « ئىسلام دىنى ھەققىدە قىسىسە»، « يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى »، « يۇنان ئەپسانىلىرى » قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان .
1978- يىلى كۈزدە ئالەمشۇمۇل نادىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى » ۋە « قۇتادغۇبىلىك » ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاش تېمىسى پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلۈپ ، قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە ئايلاندى. مۇشۇ چاغدا ئىبراھىم مۇتئىنىڭ خىزمىتى ئاكادىمىينىڭ تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا يۆتكەلدى. ئۇ دىۋاننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە تەييارلارش خىزمىتىگە باشتىن ئاخىر تولۇق قاتنىشىپ ، ئۈچ توملۇق بۇ چوڭ ئەسەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى.
دىۋاننى تەرجىمە قىلىش نەشىرگە تەييارلاش جەريانى ، ئەمەلىيەتتە دىۋاننى ئۆگىنىش ۋە جانلىق تىلنى تەكشۈرۈش جەريانى بولدى. ئالىم مىرسۇلتان ئومانوف بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋىلايتىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىپ، توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىكى ھەزرىتى موللام (مەھمۇد قەشقىرى ) مازىرى ۋە باشقا تارىخى جايلارنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى . مويسىپىت ئۆلىمالار ، زىيالىيلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىچەلمىدى، ماتېرىيال يىغدى، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 1984- يىلى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى ، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە، قەشقەر ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام مازىىرىنىڭ بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكى ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئوپالنىڭ ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوپالدا ، يۇقىرى مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەدرىستە ئالغانلىقى ، دىۋان يېزىلغان چاغدا ئالىمنىڭ 60 ياشلاردا ئىكەنلىكى ، باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئانا يۇرتى ئوپالدا 8 يىل مۇددەرىسلىك قىلىپ ، 97 ياشتا ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇلغان.
تۆھپىكار تىلشۇناس پىشقەدەم زىيالى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.