تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Nazaket
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11019
    naza-kat@163.com

    يازما سانى : 196
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-2-26 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قىرىق ياشلىق ئەرلەر

    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ

    ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻛﯩﺮﻭﺭﺍﻥ

    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ ،
    ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭘﻪﯞﻩﺳﺘﯘﺭ ﺗﯧﻐﻰ ،
    ﺗﯩﻠﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘ ﻳﯩﻐﺎﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﻰ ،
    ﺗﺎﻣﯩﺪﯗ ﻣﯩﯔ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯧﻐﻰ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﺩﻩﺳﺴﻪﯓ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻳﺪﯗ ﻳﻪﺭ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺴﻰ ،
    ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯘﯞﯨﺴﻰ ،
    ﻛﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﺱ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻰ ،
    ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﯖﺪﻩ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ ﺗﻮﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺴﻰ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،
    ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﯨﯖﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،
    ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،
    ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘﺭﻧﯘﯕﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﺴﺎﯓ ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ ،
    ﺋﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﯓ ، ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ،
    ﻛﯜﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻪﺭ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺧﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ،
    ﺷﺎﻥ ﻗﯘﭼﯘﭖ ﮬﻪﺭ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﻳﺎﻏﺴﯩﻤﯘ ﭼﯧﻜﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺭﻻﺭ ﺩﻩﻣﻤﯘ - ﺩﻩﻡ ،
    ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﺭ ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﺗﯩﻜﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﻪﻡ ،
    ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﯞﺭﻩﺭ ، ﺋﻪﻝ ﺗﻪﯞﺭﻩﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﺴﻪﯓ ﻗﻪﻟﻪﻡ ،
    ﺳﯧﮭﺮﯨﯖﺪﻩ ﺧﯩﺰﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ ﺟﻪﻡ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﺩﯦﻤﯩﮕﯩﻦ : << ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯩﻢ ، ﮬﺎﻟﻘﯩﺪﯨﻢ ﺩﺍﯞﺍﻥ ،
    ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﺎﻣﺎﻥ ... >>
    ﺋﯩﺸﺘﻜﻪﻧﻤﯘ ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺭ :<< ﭼﺎﯞﺍﺷﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ...>>
    ﮔﯚﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺳﻪﻥ ﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻥ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ : ﻗﯩﺮﯨﻘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺴﺎ ﻳﯧﺸﯩﯔ ،
    ﻛﯜﻧﯘ- ﺗﯜﻥ ﺷﻪﻣﺸﺎﺩﺗﻪﯓ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯧﺸﯩﯔ ،
    ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻛﯩﺸﯩﯔ ،
    ﻣﻪﻳﻠﯩﻐﯘ ﺋﻮﻣﺎﭺ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﯔ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    << ﻛﯩﺮﻭﺭﺍﻥ >> ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-2-27 12:40:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 428
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证