يىراق ۋە يېقىن
نىمانچە جەلىپكار قىساس دەملىرى،
ھالاكەت ئىچىدە گۈزەل بىلىنەر.
ئۇمىدسىز كۆزىنى يىراققا تكىپ،
يىغلايدۇ پەقەتلا سوغوق سەبرىلەر.
تىگىشىپ تۇرىدۇ مۈرە-جەينەكلەر،
سەجدىگە تەڭ بارار دۇئاغىمۇ ھەم.
ئوخشىماس ئۇندىىكى ئارزۇ-تىلەكلەر،
بىراق بىر ئارغامچىغا ئېسىلغان مەھكەم.
2004-يىلى 23-ئىيۇن