بۇسۇغامدىكىلەر...
مەن ھاياتنى سۆيگەندىن بېرى
بوسۇغۇمدا يانار يۇلتۇزلار گويا
ئىككى ئالەم غارىنىڭ خىرەسى
ئارا ئېچىلغان يارا .
نۇريۇلتۇزى يېنىشتىن بۇرۇن بوسۇغۇمدا
گۈللەر خۇش پۇراق ئۇسسۇل ئويناپ
لەۋلىرى بىلەن قۇشلار ئەمدى كېتىدۇ يىراق .
مەن گۈللەرگە سۆزلەشتىن بۇرۇن
ھۆل دەرەخلەرنىڭ ھەسرىتىدىن
ئەكىس ئەتكەن ئۆلۈم ھېدىدە
ھەممە بارلىق بىلىنەر پارلاق .
قۇشلارنىڭ كېتىشى ئەمەس
پۇررىدە- توزىغان چۈشلەردىن
ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس
يەنە كۆلەڭگە قەبرىسىى
پۈركىۋاتقان سۆيگۈ شەپىسى .
بوسۇغۇمدا يانغان غۇۋالىق
ئەمەس ئىدى ئاخشامقى تېۋىش
پەقەت ئىدى چوقچىيىپ قالغان
ئورۇق بىر روھنىڭ تەمكىن سايىسى ...