تاز
موھەممەدروزى
ئابدوقادىر
يولۋاس مىنگەن چۆچەكتىكى تاز
ئالغان قىزى ئايدەك چىرايلىق ،
ئەقىللىقتۇر پادىشاھتىنمۇ
ئەڭگۇشتۇرى شۇنچىلىك سىرلىق .
رىئالىققا كۇنەلمىگەن تاز
ئۆلتۇرىدۇ تامنىڭ تۇۋىدە
قۇرسىقى ئاچ ، كىيىمى يىرتىق .
يەكشەنبىدە كىرىپ بازارغا
لىنتا كۇرەر كەچكىچە سىرلىق ،
تۇن يېرىمدا ئۇخلايدۇ غېرىپ
يۇرىگىگە تىلغانچە يېرىق .
سىغدۇرمايدۇ كۆپلەر يېنىغا
يوق قىزلارنىڭ باققۇدەك كۇزى ،
تاپسا يەيدۇ ، بەش مو يەر قۇرغاق
- تاپالمىسا ئۇتىدۇ كۇنى .
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:33:11]