تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭلار ›› سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋ

       سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

      سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھېچكىم كېيىن بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، چۆلدە يالغۇز ئېزىپ قالىدىغان، باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ قېلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي «بېشىمىز تۆرۈپ قالىدىغان»، قىبلىنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشلىرىمىزمۇ مۇمكىن. ... دەرد-ئەلەملەر كېلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ باشىگە... ئەمەسمۇ؟ شۇنداق چاغدا قولىڭىزدا سائەت بولسىلا، يۆنىلىشنى بىمالال پەرقلەندۈرەلەيسىز. سائىتىڭىزگە قاراپ، شۇ يەر ۋاقتى قانچە بولغان بولسا، شۇنى ئىككىگە بۆلىسىز. چىققان ساننى قۇياشقا ئۇدۇل قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن «12» ئىستېرىلكىسى كۆرسەتكەن تەرەپ _ شىمال بولىدۇ. شىمال ئېنىق بولغاندىن كېيىن، «ئالدىم شىمال، كەينىم جەنۇب، ئوڭۇم شەرق، سولۇم غەرب» بويىچە قالغان تەرەپلەرنى ئېنىقلايسىز. مەسىلەن: سائەت 10 بولغان بولسا، ئىككىگە بۆلسىڭىز 5 بولىدۇ. سائەت تەخسىسىدىكى 5 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىسىڭىز، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ. چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالسا، 24 سائەتلىك بويىچە ھېسابلايسىز. مەسىلەن: ھازىر چۈشتىن كېيىن سائەت 6 بولدى. بۇ 18 دېگەن گەپ. ئىككىگە بۆلسەك، 9 بولىدۇ. 9 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىساق، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ. قېنى سىناپ بېقىڭلار



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-7-30 19:45:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 276
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证