دىلمۇراتنىڭ ئىسمى
مۇشۇ ھەرپ دىلمۇراتنىڭ ئىسمىدىن باشلىنىدۇ دىلمۇراتنىڭ ئىسمى ئاخىرلاشمايدۇ. ئۇ كۆكتىن چۈشكەن جەنۇپ تۇپىسىدەك يەنە جەنۇپ تۇپىسىدەك يەرگە كىرىپ كېتىدۇ. دىلمۇراتنىڭ ئىسمى ئاق ___ ئۇدۇلدىن قارىساڭ. دىلمۇراتنىڭ ئىسمى يوق ___ چاقىرماق بولساڭ. دىلمۇراتنىڭ ئىسمىدا قۇياش كۆتۈرۈلىدۇ شەرق ئۇپۇقىدىن. دىلمۇرات ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدۇ ھېچكىم. دىلمۇراتنىڭ ئىسمىنى شىپى كەلتۈرۈپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازدى دادىسى. بىر كۈنى دىلمۇرات ئۆزى ھەققىدىكى شېئىرلارنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇۋېتىپ ھېس قىلدى قېرىپ كەتكىنىنى. دىلمۇراتنىڭ ئىسمى ياش ئۇنىڭ ئىسمىدىن باھار گۈللىرىنىڭ ھىدى كېلىدۇ. مۇشۇ مىسرانىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدا دىلمۇراتنىڭ ئىسمى غايىپ بولىدۇ.
2008-يىلى 17-ئىيۇن