رەخىم ياسىن قاينامى:كەتكۈچىلەرگە...
سىلەر كەتتىڭلار مەن قالدىم شۇ يەردە مۇزدەك پەرىشان... تولۇپ قۇشلارنىڭ ناۋالىرىغا شادىمان ئورمانغا ئايلانغان بۇتەن قۇشلار كەتتى، تۆكۈلدى خازان سىلەر بۇيەردىن كېتىش بىلەن تەڭ ماشىنا غۇيۇلدار يۈرىكىم ئارا ئېزىلدى سۈڭەكلەر چاقلار ئاستىدا سىلەر كەتتىڭلار ياز ئارىسىدا سۈيقەستنىڭ چۈشىنى يىغىپ باھار گۈللىرىنىڭ ھىدلىرى بىلەن ئاۋازىڭلار يىراقتىن كەلمەكتە چىقىپ تاڭلارغا قارىدىم سىلەرنى چىللىغان يوللىرىم ئارا قوياشنىڭ سۈڭىكى چېچىلغان تەكشى تەڭرىنىڭ مېھرىبان قوللىرى ئارا... ئەگەشتى سىلەردىن بالىلىغىمىز يۇشۇردۇق يىغلاڭغۇ كۆزلىرىمىزنى كەتتىڭلار ئەگەشتى ھىلالى بىلەن باھارنىڭ يېقىملىق سۈزۈك گۇگۇمى...
2008.05.29