تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:ئايغا قاراپ بولدۇم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    elqut
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 9
    765355407@qq.com

    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-6 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:ئايغا قاراپ بولدۇم

          ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ

     غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت

      (1)

    كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،
    كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .
    ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،
    مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر .

     ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،
    ئىمان ئېيتقان شەيتانىمنى كۆر .
    قايتار ھەممە ھەقكە ، رەھىمگە ،
    قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر .

    (2)

    بىنالارنىڭ قورسىقى ئاچتى ،
    ئۇسساپ كەتتى كوچا-رەستىلەر .
    قوللىرىنى سوزار «گۇناھ» قا ،
    يۈرەكتىكى گۈللەر ، كەشتىلەر .

     ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە ،
    ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات-پات .
    ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ،
    ساۋادسىز بوپ قالدى ئېتىقاد .

     (3)

    ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ ،
    كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج .
    گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم ،
    تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج .


    داپتا بوران ، تەمبۇردا ئىسيان ،
    دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا
    . كىيىپ جۇل-جۇل جەندە-كۇلانى ،
    ناخشا ئېيتار كۆڭلۈم تالادا .

     (4)

    تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە .
    ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە .

     ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال ،
    ياماشارمەن يارغا يا دارغا .
    تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ ،
    قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا ؟!
    مەنبە:<<يېڭى قاشتېشى>>ژورنىلى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-5-28 11:56:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 308
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证