تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› خۇش ھىدىڭىنى بەر(ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    azizturuk
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 3
    www.azizturuk@163.com

    يازما سانى : 1
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-4-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خۇش ھىدىڭىنى بەر(ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن)

     خۇش ھىدىڭىنى بەر
    ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن

     ساڭا ئاتاپ باھار بىلەن گۈللەرنى تەردىم،
    كەل چىمەنلەر باغرى بىردەم تۇيغۇغا چۆمسۇن.
    ساڭا يازغان لىرىكامنى شامالغا بەردىم،
    لىرىكىلار شامال بولۇپ مەڭزىڭگە سۆيسۇن.

     قۇشلار سېنى كۈيلىمەكتە تاڭلاردا سايراپ،
    ھاياجاندىن سىلكىنمەكتە ياپيېشىل تاللار.
    ئېرىقلار ھەم ۋىلىقلايدۇ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ،
    چېچەكلەرگە تولۇپ كەتتى سۆيگۈدىن باغلار.

     لىغىلدىسا كۆللەر خۇددى ئاشىقنىڭ كۆزى،
    مەن ئۆزۈمنى ھىجرانلاردىن تېرىپ ئالىمەن.
    سېنى كەلمەس دېگەن رەزىل دۈشمەنلەر سۆزى،
    ئىشەنچىم بار، ساڭا ئىشەنچ قويغان بالىمەن.

    نۇرغا تولدۇر كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭ بىلەن،
    پاك سۆيگۈنىڭ گۈلخانىدا ئۆزۈم سەمەندەر.
    ئېچىلغىن تەڭ قىرلاردىكى گۈللەردەك لېۋەن،
    چاڭقىغانمەن، سۇ نەھاجەت، خۇش ھىدىڭنى بەر.

     قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكىلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى 2003-يىللىق3-سىنىپتىن ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 11:53:58]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-5-7 12:15:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 193
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证