تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    كۈلگە ئايلانغان خاتىرە

    كۈلگە ئايلانغان خاتىرە

         ※※

        ئۇ ئىتتىك ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى-دە، ئىشىككە يۆلەنگىنىچە قولىدىكى خاتىرىگە قاراپ خىل ئۇزاق تۇرۇپ قالدى. نېمىشقىكىن ئۇ خاتىرىنى ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ھەققىدە خىلى كۆپ ئويلاندى.
        ئەتىگەن ھىلىقى قىز ئاشخانىغا كىرىپ ناشتا قىلدى، ئالدىراشچىلىقتا بۇ خاتىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك، ئۇ ئۈستەل يۇغۇشتۇرۋاتقاندا كۆرۈپ، خاتىرىنىڭ تۇنجى بىتىنى ئېچىپلا كۈندىلىك خاتىرە ئىكەنلىكىنى بىلىپ دەرھال ياپتى-دە، چاپىنىنىڭ ئارىسىغا يۆگەپ تىقىپ قويدى.
        مانا ئەمدى ئەتىگەندىن بىرى ئوقۇشقا تەشنا بولغان بۇ خاتىرىنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدىغۇ؟! قولىدىكىسى بىر تال خاتىرە ئەمەس بەلكى گويا قوقاس چوغدەكلا، قولىدىن تۇتاشقان ئوت پۈتۈن جىسمىنى كۆيدۈرۋىتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. شۇ ئەمەسمۇ؟ دېمىسىمۇ بۇنداق ئوغۇرلۇقچە ئوقۇۋالسا قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دىگەن كىشىنىڭ مەخپىيەتلىكى چۈشكەن كۈندىلىك خاتىرە. ئۇ ئۇنداق ئەخلاقسىز، تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەردىن ئەمەس، ئوقۇمىسۇن، ئەتە ئۇ قىز يەنە تاماققا كىرگەندە ئاستا قايتۇرۇپ بەرسۇن؟!
        ياق، نېمىشقا ئوقۇمىغۇدەك، بۇ شۇنچە ئاسان كەلگەن پۇرسەتمۇ؟ قانچە ۋاقىت بولدى ئۇ بۇ قىزنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىۋاتقىلى، كىچە-كۈندۈز نېمىلەرنى ئارزۇ قىلمىدى.؟! خوش، ئەگەر ئۇ خاتىرىنى ئوقۇماي قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ كىم ئۇنىڭ ئوقۇغان-ئوقۇمىغىنىنى بىلىدۇ. ئوقۇش كىرەك...
        ئۇ ئەشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە خاتىرىنى ئاۋايلاپ ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

    ※※※※※※

     2004-يىل 10-سىنتەبىر يەكشەنبە
        «بىر قىزنىڭ ئىپپەت نومۇسىنىڭ قىممىتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ. سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ سىنىڭ مەھبۇبىڭنىڭ، ئاچا-سېڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتى، ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ». بۈگۈن بۇ ئۈزۈندىنى ئۇكامنىڭ خاتىرىسىگە يىزىپ قويدۇم، ئىھتىمال ئۇمۇ ئوقىدى. مېنىڭچە يىگىت بولغان كىشى بۇنى بىلىىشى كىرەك.
        يىڭىچە بىر مۇھىت ماڭا يىڭى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىۋاتاتتى. بۇ مەكتەپكە قەدەم ئالغان تۇنجى كۈنىلا كەچلىك مۇزاكىرىدىن يىنىۋىتىپ بىر قىزنىڭ قاتتىق تاياق يېگىنىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم، ھېلىقى نامەرت، قىزنى بىر قاراپ قويۇش بىلەنمۇ ئۆزىنى بىلىۋالىدىغان قىلالمىغان يىگىتكىمۇ ئۆچلىكىم كەلدى. قىزنىڭ ئېغىزىمۇ شۈك تۇرمايدىكەن، قىز بالا دىگەن ئۆز قەدىرىنى ئۆزى قىلىشى كىرەكتە! شەرم-ھايانى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى ياخشى بولمايدۇ. بەلكىم مەن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن. ئاھ، بىغۇبار قەلبىم، ساڭا كىر يۇقمىسۇن. سىنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇغىنىمدا ماڭا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇما....
        ئۇ بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ھەقىقەتەن ھاياجانلاندى. «ئۆزىمۇ گۈل، قەلبىمۇ گۈل قىز ئىكەنغۇ بۇ»دەۋەتكىنىنى تۇيماي قالدى. سىرتتىن تۇيۇقسىز تاراڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ دەرھال خاتىرنى ياپتى-دە، دەرھال چىراغنى ئۆچۈرۋالدى. بىردەمدىن كىيىن دادىسى ئاستا دەرىزە تۈۋىگە كەلدى:
        -ئوغلۇم ئەلى، تىخى ياتمىدىڭمۇ بالام. بولدى كىتاپ ئوقۇۋەرمەي بالدۇر ئۇخلا. ئەتە سەھەر ئاشخانىغا بارمىساڭ ئۇستام رەنجىيدۇ.
        -بولىدۇ دادا. سەنمۇ ئۇخلاۋەر.
        ئۇ بۈگۈن مۇشۇ خاتىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاشخانىدىكى شاگىرىت بالىلار بىلەن بىرگە ياتىدىغان ياتىقىدا ياتماي ئۆيگە قايتىپ كەلدى ئەمەسمۇ؟ تەڭ كىچىدىمۇ دادىسىنىڭ باشقۇرۇشى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. گويا مۇشۇ چاغقىچە ئۆزىگە تەل بىرەر نەرسىگە ئېرىشىپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدى. ئۆزىنىڭ ئۆيى بولسىدى....ئۇ شۇلارنى ئويلىدى. چىراغنى يەنە ياقسا ئانىسىنىڭمۇ چىقىپ ئۇخلا دېيىشىدىن ئەنسىرەپ، تارتمىسىدىكى شامنى ياندۇرۇپ، خاتىرىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا باشلىدى.
        شۇنچە كۆپ مەزمۇننى ئۇ كېچىچە ئۇخلىمىسىمۇ ئوقۇپ بولالمايدىغاندەك تۇراتتى. شۇڭا ئارىلاپ ئوقۇشقا باشلىدى.

    2005-يىل مارت
        كەچۈرگىن،ساڭا كۆڭۆل بىرەلمەيمەن. شاملارنى ئۈزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ،تالاي كىچىلەرنى كىتاپلىرىم بىلەن كۆڭۆل ئىزھارلىشىپ، قەلبىمگەگۈلىستانلارنى كەشتىلەش بىلەن ئاۋارە ئۆتتۈم. ھىسىيات چوقانلىرىم بىھۇش بولۇپ يىقىلغان... شاملار ئۆچتى.كىتاپلار دۆۋىسى ئىگىزلىدى. كىتىۋاتىمەن ئەمدىلىكتە ماڭا، قەلبىمگە شام ئەمەس قوياش كىرەك. مەن ئىنتىزارمەن -ئۆزۆمگە تەئەللۇق سۆيگۇگە،ئۇلۇغ ئىنسانى سۆيگۈگە. كەچۈرگىن ،قەلىب گۈلزارىمنىڭ دەرۋازىسى پەقەت ئۆزئىگىسى ئۈچۈن، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئىچىلىدۇ.

     2005-يىل 29-ئاۋغۇست
       شامغا تىكىلىپ ئولتۇرىمەن. كۆز نۇرلىرىم ئارقىلىق ئۆزۈمنى شام نۇرىغا سىڭدۇرۋەتكۈم ،سىنىڭ سىمايىڭنى ئىزدىگۈم كىلىدۇ. كۆيۈپ بولغان پىلىكلەرنىڭ شامدىن، ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرغان گەۋدىدىن ئايرىلغۇسى يوق،گەرچە ئۇنى كۈل قىلسىمۇ! كۆيۈپ بولغان پىلىكنى چۈشۈرۋەتتىم ،گويا شام يوروقىمۇ ئۇنىڭغا قىيمىغاندەك تولغىنىپ كەتتى-يۇ، قەددىنى رۇسلاپ بۇرۇنقىدىن نۇرلىنىپراق كۆيۈشكە باشلىدى.سۆيگۈ -مۇشۇ شامغا ئوخشايدۇ، پىلىك بىلەن گەۋدە بىر-بىرىدىن ئايرىلسائۆزرولىنى تولوق جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئاڭلىغىن پىلىكنىڭ كۈلىنى چۈشۈرۋەت، بولمىسا يورۇقلۇق چىقىرالماي ئېرىپ تۈگەيسەن. جاھاندىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ. قەلبىمدىكى ئۈمىد شامىمۇ يالقۇنجىدى. مەن سىنى چوقوم ئۇچرىتىمەن.شام كۆيۈپ يۇرۇقلۇق ئاتا قىلسا،كۆزلىرىمىزدىن چاقنىغان ئۇچقۇندىن جاھالەتكە مەشئەل يانالايدۇ، تۈندە ئۇيقۇغا كەتكەن بىچارىلەرنىڭ قەلبىنى ئويغىتىپ ئىنسانى كامىللىققا يېتىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ماڭىمىز.قىنى سەن مۇھەببەت!.....

     2005 -يىلى 12-ئۆكتەبىر
       لەيلەۋاتقان خىياللىرىم قوياش نۇرىدىن بەكرەك بوران-چاپقۇنغا دۇچ كىلىدۇ-دە،يامغۇرلار كۈزلىرىمدىن يۈرىكىمگە ئىقىپ كىرىدۇ.ئەلۋەتتە،تاشقىنلىرى كۆز چاناقلاردىن سىرغىپ چۈشۈپ مەڭزىمنى سۆيۈپ،ئاھلىرىنى ئىيتىدۇ، نىمىلەرنىدۇ ئۆتىنىدۇ. ئاھ بىچارە ياش! نىمىشقىمۇ بۇنچە ئىسيانكار بولۇپ كىتىدىغانسەن.ئۆز ئىگەڭنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنمىدىڭ،كۆڭۈل ئىزھارىغا ئوخشاش ئىختىيارسىز چىقىپ كەتتى . يۈرىكىمدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتتىن قەلبىمگە سىياھ بىرىپ،قۇرلارغا سىرىمنى ئىيتىپ يۈرۈيمەن. تىنالمايۋاتقان تىنىقلىرىمنى يىڭى-يىڭى غەملەر قورشاپ نەپىسىمنى قىسماقتا. خەيرىيەت، سۇ ئاستىداقۇرام تاشلار بولغان ئۆستەڭ-دەريالاردا ئاققىنىدىلا ئاندىن دولقۇن ياساپ،چىرايلىق ئۈنچىلەرنى چاچرىتالايدۇ،كۈڭۈلسىزلىك بولغىنىدىلا خۇشاللىقنىڭ شىرىن سىزىمى تومۇر-رومۇرلارغا تارايدۇ.

     2005 –يىل 1-نويابىر
       چۈشۈم ئىچىدە چۈشلىرىم،قاتمۇ -قات چۈشلەرگە ئورىنىۋالغان رىئاللىق مىنى گاڭگىرىتىپ قويدى.بولدى، ئەمدى ئويغىنىپ كىتەي! تاڭ سەھەردىكى ھىلال ئاينى كۈردۇڭمۇ؟ بۈگۈنكى ھىلال ئاي شۇقەدەر گۈزەل،ئۇنى ئوراپ تۇرغان ئۈچتال يۇلتۇز شۇقەدەر يورۇق.مەن ھىلال ئايغا ئىنتايىن ئامراق.نىمىشقا بۇنداق كەمتۇك ئاينى ياخشى كۆرىمەن ؟! بەلكىم كەمتۈكلۈكمۇ بىر خىل تەڭداشسىز گۇزەللىكتۇر .

    2005-يىلى 11-نويابىر
        قەلبىم يەنە شۇ كۇينىڭ نۇتىسىنى يازماقتا،ئۇنىڭدا سىزىلغان ھەر بىر سىزىق ساڭا بولغان يۇشۇرۇن مۇھەببىتىمنىڭ يۈرەك قەپىسىمگە پاتماي چاچرىغان ئۇچقۇنلىرى. ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنچىلىك تەنھا ھىس قىلىمەن. چۈنكى سىنى ئىزدەش دەخلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. سىنى تاپالماي يىگانىلىك ئوتىدا قىلدەك ئۆرتىنىۋاتىمەن. سۇيگۈنىڭ قۇدرىتى نىمە دىگەن ئۇلۇغ-ھە!ئەگەر.....ئەگەر مىليۇنلىغان كىشىلەر ئارىسىدىن سىنى تىپىۋالسام،كىرپىكلىرىم قارچۇقۇم ئېتىغا مىنىپ ئوۋغا چىقىپ ئولجىسىز قايىتمىسا، سىنىڭ ئاددى سۈرىتىڭنى سىمايىڭنى ئوۋلاپ كۆز قەسىرىمگە قايىتسا. مەڭزىمگە قارا،كىرپىكىڭ چۈشۈپ قاپتىمۇ؟ ئۇنىڭ غايىبانە مۇھەببەتنىڭ نەزمىسىنى يىزىۋاتقان بىغۇبار گۈلۈڭنىڭ ئوۋ يارىقى ئىكەنلىگنى بىلەرسەنمۇ؟ بىلىمەن،ئەگەر راستىنلا سىنى ئۇچراتقىنىمدا تىللىرىم تىلسىز، كۆزلىرىم نۇرسىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى پاك قوللىرىمغا بىرەرنىڭ قولىنىڭ ئۇچىمۇ تەگمەي،كۆزۈمدىكى سۇيگۈ ئۇچقىنلىرى بىرەرىگە دەقىقە تىكىلمىگەن،پەقەت سەن ئۈچۈنلا ساقلانغان بولسىمۇ مەندىكى ھايا مىنى تىلسىز،كۆزسىز،قول پۇتسىز قىلىدۇ.
        چىملار بىلەن سىردىشىپ، شاماللارغا كۆڭلىمنى ئىزھار ئەتتىم . شامال بەلكىم يۇزلىرىڭنى سۆيۈپ قويدى،لەرزان شامالنىڭ يۇزۇڭنى نازۇك سىلىشىدىن خۇپىيانە مىھىرنىڭ تەپتىنى سىزىۋاتقانسەنمۇ؟بەلكى كىتاپتىن كۆزلىرىڭ ئۈزۈلمىدى. شاماللار ئۇنىڭ بەتلىرى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئىزھارىمنى يىنىك شىۋىرلىدى، ئاڭلىغانسەنمۇ! دىرىزىدىن كىرىۋاتقان ئاي نۇرى ۋە ئۇنىڭ شولىسىنىڭ جىلۋىلىك سىماسىدىن كۆيىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ شەرم -ھايا پەردىسىدىن ماراۋاتقان تامچە يۇرۇقى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغانسەنمۇ؟! ئىھتىمال سەن بىلمىدىڭ، چۈنكى ئۇيقۇغا غەرق ۋۇجۇدۇڭ ھىچ نىمىنى سىزەلمەيدۇ.
       كۆزۈمدىن سىرغىغان ئۈنچىلەر قەلەم ئۇچلىرىدىن تېمىپ بەتلەردە گۈزەل بىزەكلەرنى ياسساۋاتقانلقىنى، ئۇنى سىنىڭ كۆكسۆڭدە جۇلالىنىدىغان، ئۆڭمەس كەشتە سۈپىتىدە ئورۇن ئىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلمەيسەن. ھىجراننىڭ زىمىستان سوغۇقىدا يۇرىكىم مۇز بولۇپ قاتتى.ئۇنىڭغا ئۇيۇلغان خەتلەر جۇلالىنىپ، خىرۇستالدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى،نۇرغۇن كىشىلەربۇنىڭغا ئىرىشىشنى خالايدۇ -يۇ، ئاسان ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ۋاز كىچىدۇ. ئۇنىڭ ئېرىپ يوقاپ كىتىشىدىن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا جۇلالانماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھىچ قايسىسىمۇ ئېرىگەندىكى كەۋسەرنىڭ قۇرۇق قاخشال بولغان قەلب بېغىنى گۈل-گۈلىستانلىق قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇھىمى شۇكى يۈرىكىم سەندىن باشقىدىن ھارارەت ئالالمايدۇ، پەقەت سەنلا مۇھەببەت قۇياشىڭنىڭ تەپتىدە بۇ مۇزنى ئېرىتىپ زەمزەملەرنى ۋىسال جامىغا تولدۇرۇپ قۇيالايسەن.
       پەقەت سەنلا باھار ئىللىقلىقىنى، يازنىڭ گۈزەل تونىنى، كۈزنىڭ مول -ھوسۇلىنى، قىشنىڭ پاكلىقى ۋە ئاقلىقىنى سەزگۇلىرىمگە سىڭدۈرەلەيسەن، بىراق بۇئىللىقلىقنى چوڭ تاغ توستى. سۆيگۈ قوياشىڭ بۇتاغدىن ھالقىيالمىدى،شۇڭا قەلىب دەرياسىدا ئېرىمەس مۇزلار قەد كۆتۈرۈپ، قۇياشنىڭ سۆيىشىگە سىنىڭ ئىللىق بىقىشىڭغا ئىرىشەلمىدى. سنى تاكى ھازىرغىچە بىلمىدىم. سەن ئۇيقۇدا، مەن سىنى كۈتىمەن. ۋىسالىڭنى ئىزلەپ قەلىمىم ئارقىلىق گۈزەل كۈيلەرنى تىنماي پۈتىمەن. ئىيتقىنا، چۈشلىرىڭگە كىرىپ باقتىممۇ؟ سەھەردە ئويغانغىنىڭدا چۈشۈڭنى ئەسلەپ خۇشاللىق ئىلكىدە، لىۋىڭنى شىرىن سۆيۈپ باقتىڭمۇ؟ مەندەك بىرى خىيالىڭغا كىرىپ باقتىمۇ؟! خەير، «يىغىلمايدىغان داستىخان يوق » دىيىشىدىكەن. بىر كۈنلەردە بۇ«ھىجران نەغمىسى»نىڭ خاتىمىسىمۇ يىزىلىپ پۈتەر-ھە!

     2005-يىل 15-دىكابىر

    كەچكۈز، ياپراق رەڭگى ئۆڭۈپ بولدى سامان،
    يەرنى سۆيۈپ گۈل تۈۋىنى قىلدى ماكان .
    تىخى بەرق ئۇرالمىغان ئاجىز غۇنچە،
    سۆيگۈسىنى ئەمدى قانداق قىلغاي ئايان.

     قوياش دىرىزىدىن ئازراق ئىسسقلىقىنى مۇزلىغان قەلبىمگە تاراتتى. يامغۇر توختىماي يىغىۋاتاتتى. قەلبىممۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇزلىماقتا. يۈرىكىم ،ياق قەلبىم قۇپقۇرۇق، ئۇنىڭدا نە مۇھەببەت، نە نەپرەت، ....ھىچ نىمە يوقتەك ، گويا ۋاكۇملاشقان بوشلۇقتەكلا،ئۇنىڭغا بىر تال قۇم زەررىچىسى چۈشسىمۇ ئاجايىپ سىلكىنىش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىدۇ. لىكىن ئۇنى مەندىن ئۆزگەھىچ كىم بىلمەيدۇ. راست، مەندىن ئۆزگە ھىچكىم بىلەلمەيدۇ. ۋاكوملاشقان بوشلۇق قانداق بولىدىغاندۇ؟! يۈرىكىم خۇددى شۇنداق بوشلۇققا كىرىپ قالغاندەك ئىچىم سىقىلىپلا تۇرىدۇ.

        2006-يىل 23-مارت
       بۈگۈن ئەجەپ بىر كۈن بولدى. ھاۋا شۇنداق ياخشى تۇراتتى، تۇيۇقسىز چىققان قارا بوراندىن يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. دەقىقە ئىچىدە پۈتۈن جاھان ئاجايىپ سۈرلۈك بىر قارا قول ئىلكىدە پىرقىراپ ھەممە نەرسە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. قارا بوراندىن كىيىن يامغۇر ياغدى. بۈگۈنكى بۇ يامغۇر بۇ يىلقى تۇنجى يامغۇر ئىدى.
       ئۇ گويا رومالىنى قىيا قايرىپ لەپپىدە بىر نىگاھ تاشلاپ قويۇپلا ئۆز يولىغا ماڭغان ساھبجامالدەكلا بىر-ئىككى تامچىلاپ توختاپ قالدى. ئۇ توختىسىمۇ يۈرۈكۈم يەنىلا يامغۇردا قالغاندەك ئەنسىز تىتىرەيتى. باھار يامغۇرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجى «ئىڭڭە»سىدىن ئالەمچە شاتلىققا چۆمۈلگەن ئانىنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ مەڭزىگە تامغان يېشىدەك شۇ قەدەر مېھىرلىك ئىدى. باھار يامغۇرى كۆك پەرىسىنىڭ تەبىئەت ھۆسنىدارى باھار قىزىغا ھەسەت ۋە ھەۋەس ئىلكىدە تۆككەن كۆز يىشى ئىدى. باھار يامغۇرى مۇھەببتەتكە تەشنا يۈرەكلەرگە ئۇسسۇلۇق بېرىپ، ۋىسال دادىغا يەتكۈزىدىغان، قاغجىرىغان قەلبلەرگە سۇنىلىدىغان سۆيگۈ جامىغا تولدۇرۇلغان ئابىھايات زەمزەم.
        باھار يامغۇرى بۇلبۇلنى كۈتكەن گۈلنىڭ زارىقىپ كۈتۈش ئىلكىدە تەلمۈرگەن قارچۇقلاردىن سىرغىپ بەرگىگە تامغان ياش. باھار يامغۇرى ۋىسالسىز ھىجرانىمنىڭ ئۈنسىز نالە-پەريادىدىن تىتىرىگەن زىمىننىڭ، تەبىئەتنىڭ كۆز يىشى. ياق، سىنىڭ قولۇڭ بىلەن ئازار يىگەن گۈلنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ىشى. باھار يامغۇرى قارا بوراندىن تۇغۇلغان ۋەھىمەم ۋە ئەنسىزلىكىمنى يۇيۇپ يېڭى تۇيغۇ، سەھەر قۇياشىدەك ئۈمىد ئاتا قىلىۋاتقان تارام-تارام نۇر.

     2006-يىل 29-مارت
        ساڭا يەنە خەت يېزىۋاتىمەن. قانچىلىك خەت يادىم بۇ ماڭا ئىنىق ئەمەس. بىراق مەن يەنە يىزىۋاتىمەن. بۇ خىتىم ھىجران مەكتۇپىمۇ ياكى سۆيگۈنامىمۇ بىلمەيمەن. تۇيغۇلىرىمغا ئەسىر بولۇپ رىئاللىققا قايتالمايۋاتىمەن. تېڭىرقاشلىق ئىلكىدە ئاچچىق تولغىنىۋاتىمەن. يالقۇن ئىچىدە، ياق سىرتىدا ئۆرتىنىۋاتىمەن. سىنى ئۇنۇتاي دېسەممۇ بارغانسىرى سەن ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قىلىۋاتىمەن. كەچكۈزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ياپيىشىل ياپراق سارغىيىپ خازان بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، دەرەخ شېخىغا قىيالماي ئاستا تۇپراققا باغرىنى ياققىنىغا ئوخشاش، سۆيگۈ سىرلىرىمنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن مەنمۇ ئازابىڭنى ئازراق چۈشىنىپ يەتكەندەك بولىۋاتمەن.
       ئىشىق دەۋاسىدا ھەممىگە شۈكۈر قانائەت قىلىش، ئۈن-تىنسىز ئىتائەت قىلمىقى زۆرۈر ھەم مەجبۇر بولىدىغان قىز تۇرۇقلۇق ، يىراقتىكى ماياكقا قاراپ دېڭىزنىڭ قارا بورانلىرىدىن ئامان قالغان دېڭىزچىدەك ئاجايىپ بىر ئۈمىد ئىچىدە لېۋىمنى چىڭ چىشلەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى رەت قىلىۋاتمەن. سىنىڭ مەنزىلىڭگە، غايەمدىكى ۋەسلىمگە يىتەلمەسلىكىم پۇراپ تۇرسمۇ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد ئىزدەپ ئۆز-ئۆزۈمنى خۇشال قىلىپ ئۆتىۋاتىمەن.
       سىنى قانداق قىلغاندۇ دەيمەن. سەن يىگىت، يىگىت بولغاندىمۇ تومۇرۇڭدا ئىسىل نەسەپ، ئەركەكلىك قىنى ئېقىۋاتقان، ۋۇجۇدۇڭدا مېھىر-مۇھەببەت بۇلىقى تاشقىنلاپ تۇرغان؛ نېمىنىڭ ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاش ئىكەنلىكىنى، نام-نىشان، ئىز قالدۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان؛ ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا ئۆلچەپ، ۋەزنىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئەركەكسەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆز قارارىڭغا ئىگە بولالمىغىنىڭدا قانچىلىك ئازاپلانغانسەن. كىمدۇ سىنىڭ قەلبىڭگە سۆيگۈ ئۇرۇقىنى چېچىپ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغان، كۆڭلۈڭنى خۇش-پۇراقلار بىلان ئاۋۇندۇرغان سۆيۈملۈك باغۋەن. نە سەۋەپكىن، باغۋىنىڭ يىراقلارغا يول ئاپتۇ، ئۇ كەتكىنى بىلەن قالغان ئىزى ھەردەم ساڭا ھەمراھ بولۇشى، شىرىن ئەسلىمىدىن ئۈنگەن گۈلنىڭ تىكەنلىرى يۈرىكىڭنى قان-قان تىلىشى مۇمكىن. ھازىرغىچە بەرداشلىق بەردىڭ، ھېلىھەم چىدىغىن.
        «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش، قاننى قان بىلەن يۇيۇش» دېگەنلەرنى چۈشەنمەيتىم. ھازىر چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن. «سۆيگۈ دېغىنى مۇھەببەت بىلەن يۇيۇش كىرەك» ئوخشايدۇ. راست، سۆيگۈنى پەقەت سۆيگۈلا ئۇنتۇلدۇرالايدۇ. «بوستان» «دەشتى»گە ئايلانغاندەك، ئۇنىڭدا ئىلگىركىدەك بۇلبۇل خەندان ئۇرماي ئەكسىچە ئانچە-مۇنچە قاغا-قۇزغۇن ئەنسىز قىچقىرىپ قويىدىغان، دېلىڭنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئېزىتقۇ ئالۋۇنلار گاھ-گاھىدا پەيدا بولۇپ ئۆزلۈكىڭگە خىيانەت قىلىشقا قىستاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ياق،ياق! سەن ئۇنداق قىلمايسەن. ئەمما، ئۆزۈڭمۇ رەڭگارەڭ ئالۋۇنلارغا ئەگىشىپ،يۈرىكىڭگە قارا ئىز سېلىشتىن قورقىۋاتقاندەك قىلىسەن. كۆزلىرىڭگە سىنچى بىلەن قاراپ باقمىدىم، مەندە ھەم ئۇنچىلىك جۈرئەتمۇ يوق، قىزلىق ھايامۇ ئۇنىڭغا يول بەرمەس دەيمەن. بىراق قارچۇقۇڭنىڭ تەكتى-تەكتىدىكى مۇڭنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن. بۇ خىل تۇيغۇ مېنىڭمۇ يۈرەكلىرىمنى تۇز قۇيغاندەك ئېچىشتۇرىدۇ، بۇنداق دەملەردە خىياللىرىم يىراقلارغا ئۇچۇپ كىتىدۇ، كەلگۈسۈڭنى خىيال قىلىمەن، كەلگۈسى يېنىڭدا بولۇش ئىھتىمالى بولغان ھەمرايىڭنى ئۆزۈم بىلەن سىلىشتۇرىمەن. ئەتراپىمدىكى رىئال دۇنيا ماڭا چۈشتەك، چۈش ۋە خىياللىرىم بولسا رىئاللىقتەك بىلىنىدۇ.
        ئەگەر دەپ باشلىنىدۇ خىياللىرىم يەنە... ئەگەر جۆرەڭ بولسام، ھەر خىل سەۋەبلەر، ئاددى ئىشلار ۋەجىدىنمۇ كۆڭلۈڭنى قاتتىق ئاغرىتىشىم، چىرايىڭدا غەم تۇمانلىرىنى پەيدا قىلىشىم مۇمكىن، بىراق جۈپتۈڭنى ئۆمۈر بويى خۇش تەبەسسۇمى بىلەن خىزمىتىڭدە بولسا، چىھرىڭدىن ھىچبىر كۆڭۈلسىزلىكنى كۆرمىسەم دەيمەن. سىنىڭ مىسكىن چىرايڭ يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلىۋىتىدۇ، چوقۇم. ئەگەر ھايات سەپىرىدە ئورتاق بىر كىمىگە چىقىپ قالساق، بەلكىم نۇرغۇن ئىشلاردىن ۋايسىشىم، چارچاش ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر باھانىسىدە كىيىملىرىڭنى دەل ۋاقتىدا يۇيۇپ بىرەلمەسلىكىم، سىنى رەنجىتىشىم مۇمكىن. لىكىن كەلگۈسى جۆرەڭنىڭ سەن ئۈچۈن تىنىمسىز قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئېزىپ-تىزىپ بىرەر قىتىممۇ ۋەيرانە ھالىتىڭنى، كۆينىكىڭنىڭ ياقىسىنىڭ كىر بولغان ھالىتىنى كۆرمىسەم، كىيىملىرىڭ رەتلىك، چاچ-ساقىلىڭ پاكىز ئېلىنغان، روھلۇق، خۇش تەبەسسۇم چىرايىڭنى كۆرسەم، ھەرگىزمۇ«ئىسىت، مەن بولغان بولسام ئۇنداق بولماستى»دەپ قالمىسام، سىنى چىن بەخىتتىن مەست بولغۇدەك ھالەتتە ئۆمۈر بويى خۇشال ئۆتسىكەن دەيمەن. مۇھەببەتتىكى پىداكارلىق، بىغىشلاش بەلكىم مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ، ھەقىقىي مۇھەببەت باشقىلارنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقىدىن خۇشاللىنىش، ئۇنىڭغا بەخىت تىلەش بىلەن ئىپادىلەنسە كىرەك. ئۆزۈم ھەققىدە شۇنچە ئويلاي دېسەممۇ، ھىچنېمىنى ئويلىيالمايمەن. چۈنكى مەن ھەققىدىكى ھەر بىر خىيالىمغا سەن سايە تاشلايسەن. ئۇنۇتاي، دىگەنسىرى بۇ خىل خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قىلىشىم مىنى تىخىمۇ ئازاپلايدۇ، ئۆزۈمگە تىخىمۇ ئۆچلىكىم كىلىدۇ.«مەن قانداق قىز ئىدىم، ياش تۆكۈشنى ئاجىزلىق بىلىدىغان تۇرۇقلۇق قانچە قىتىم ئۈنسىز يىغلىدىم؟!ھاي، ھاي، قارچۇقتىن سىرغىغىنىنى سانىغىلى بولسىمۇ يۈرەكتىن ئاققىنى تالاي. سانىغىلى بولاتتىمۇ؟!
       بىغۇبار قەلبىمدە شۇنداق بىر گۈل ئىچىلغان، ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى سەن تېرىغان مەن پەرۋىش ئەتكەن ئىدىم. ساڭا سۇنسام دەيتىم، ئەپسۇس، ئۇ ياشتا تۇنجۇقماقتا، يۈرىكىممۇ نەپەس ئالالمايۋاتىدۇ. كىملەردىن ئاغرىنىسەن بۇنى بىلمەيمەن. بىراق سەن مۇھەببەت ئۈچۈن مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن ئىكەنسەن، قەلبىڭدە ئارتۇقچە داغ-ھەسرەت بولسا يۇيۇۋەتكىن. بالىلار تولىمۇ نادان كىلىدىكەنمىز، ئاتا-ئانا قەلبىنى پەقەت بىزمۇ ئاتا-ئانا بولغاندىلا چۈشىنىشىمىز مۇمكىن. ئويلىغىنا قىنى، سىنىڭ ئەڭ ئامراق نەرسەڭنى بىرى تارتىۋالسۇنچۇ، ئۇ چاغدا سەن قانداق ھىسياتتا بولىسەنكىن. ئانا ئۈچۈن بالىدىنمۇ قەدىرلىك سۆيۈملۈك كىشىسى،نەرسىسى بولمايدۇ. سەن ئاناڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنىدىنمۇ مۇھىم. ئەگەر ساڭا ئۇنىڭ يۈرىكى لازىم بولسۇنچۇ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۆكسىنى يېرىپ يۈرىكىنى ئىككى قوللاپ ساڭا سۇنالايدۇ. بىراق يات بېرىنىڭ يۈرەك پارىسىنى يىنىدىن تارتىپ كىتىشىگە قانداقمۇ قىيىسۇن؟! چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىز مەڭگۈ بالىمىز!!! مېھىر بىرىمەن دەپ قەھرىنى بىرىپ، قارلارنى يىغلىتىپ ئۆتىدىكەن قۇياش. ئۇ ساڭا مېھرىنى بەردىيۇ، كۆزلىرىڭ ياشلاندى. ئاتا-ئانىمىز مېھىرى گاھىدا بىزنى داغۇ ھىجراندا يىغلىتىشى، سىنىڭ بەخىت دەپ قارىغىنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.
       قانداق قىلغۇلۇق؟! سەنمۇ ئۇنداق جاھىللىق قىلمىدىڭ، ئاتا-ئانا رىزالىغى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈن كۆزۈڭنى، ياق يۈرىكىڭنى ياشلاپ تۇرۇپ تاللىشىڭدىن ۋاز كەچتىڭ، ئاتا-ئانا ۋە بالىلىق مۇھەببىتى ئۈچۈن سۆيگۈڭنى قۇربان قىلدىڭ. بىراق ئىشەن، ئاتا-ئانا دۇئاسىنى ئالغان كىشى چوقۇم ئۆز بەختىنى تاپالايدۇ.
        شۇنداق ئويلىغىن! ئەمدى قەددىڭنى تىك تۇت. ئۆزۈڭ ياشلىقنىڭ ئالتۇن چوقىسىدا تۇرۇپ، «سىز ياش بولغاندىكىن»دىگەندەك، ھېسلىرىمنى يىغلىتىپ ئۆتىدىغان ئۈمىدسىز گەپلەرنى ئەمدى قىلما. ئەجىبا يۈرۈكۈڭنى ۋاقىتسىز قورۇق باستىمۇ ياكى ھىجران يارىسىدىن قالغان تارتۇق كۆڭۈل ئەينىىكىڭگە ئۇنى قىرى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ ۋە بەلكىم مۇنداقلا دەپ قويغان گەپتۇ ئۇ. «سىز بىلەن كىم ئۆمۈر ھەمراھى بولالىسا ئۇ ئەڭ بەختلىك كىشى» دەپ بەخت تىلىدى بىر قانچە كىشى. بىراق، بەخىت، ئۇ بىر سەزگۈ.بەختنىڭ ئۆلچىمى ھەر كىمگە ھەر خىل بولىدۇ. بەلكىم بىر يۇتۇم سۇ دەشتى چۆلدىكى بىر تال گىياھ، بىرەر مۇساپىر، يولۇچى ئۈچۈن ئالەم خۇشاللىقى، جەننەت ھوزۇرى بېرىشى مۇمكىن، لىكىن ئۇ دەريا-دېڭىز، كۆل بويىدىكىلەرگە نەھاجەت! ئىللىق قۇياش نۇرى قىش كۈنلىرى كىشىلەرگە ھوزۇر بېرەلەيدۇ. تومۇز ئىسسىقتا بولسا كىشىنىڭ ئىزدەيدىغىنى سالقىن شامال، سايە جاي خالاس. بەخت سېزىمى دەل شۇنداق بولىدۇ.
        سەن مىنى تونۇدۇڭ. پەقەت مەن سەندىن تەلتۈكۈس ۋاز كىچىشنى نىيەت قىلغان چېغىمدىلا ئاندىن سەن مىنى تونۇدۇڭ. ئەسلى يىرىم كۆڭلۈڭنى تولدۇرۇشنى، «دەشت»نى «بوستان»غا ئايلاندۇرۇشنى ، گۈل بېغىڭنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى ئويلايتىم. بىراق نېمىشقا ۋاز كەچمەكچى ، كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ بۇ يەردىن يىراقلارغا كەتمەكچى بولدۇم. ئەجىبا سىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۆزۈمگە پۇرسەت بىرىشنى، مۇھەببەتنىڭ قۇلى ئەمەس گۈلى بولۇشنى ئىستىدىممۇ؟ سەن بىر كىشى ئۈچۈن يۈرەك تومۇرۇم بولغان ئاتا-ئانام، قىرىنداش، دوست-يارەنلىرىمدىن، ئەزىز يۇرتۇمدىن ئايرىلماقچى بولدۇممۇ، مەن مۇشۇنداق مىشچان قىزمىدىم؟ ياق،سىنى ئىزدەشكە قانچە قىتىم مەجبۇر بولساممۇ، ياردىمىڭگە مۇھتاج بولساممۇ سىنى ئىزدىمىدىم. تاكى كۆڭلۈمدىكى سەندىن كۈتىدىغان ھەر قانداق ئارزۇ ۋە تەمەلەرنى يوق قىلغاندا، مەن قەددىمنى تىكلىگەندە ئاندىن سەن بىلەن ئۇچراشتىم. دوستۇڭ ئورنىدا بولسىمۇ دەردىڭگە ھەمدەم بولسام دەيمەن. خەير!......

     2006-يىل 18-ئاپرىل
       چىن مۇھەببەت -شۇنداق مۇقەددەس، بۇيۇك، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشكى ئۇنى ھىچ قانداق بىر كىشى مەلۇم قىلىپقا سىلىۋالالمايدۇ . ھەر قانچە قابىل لايىلىگۇچىمۇ ھەم شۇنداق . ئۇ ئىككى ساپ يۈرەكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشى نەتىجىسىدە بىنا بولىدۇ ،ئۇنى ئاشۇ سۆيگۈ ئەھلى ۋاپا-ساداقەت ئۇلىغا ئىختىيارسىز بىر-بىرلەپ خىش قۇيۇپ ياساپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدا گۈزەل، جەلىپكار، زىننەتلىك تەرەپلەر ؛ بەزى يارا زىدىلەرمۇ بار بىراق ئۇمۇ بىر خىل ھۆسىن سۈپىتىدە بۇ گۇزەللىكلەرنى جۇلالاندۇرىدۇ .
        چىن مۇھەببەت گوياكى سۈپسۈزۈك كەۋسەردۇركى ئاشىقلار ئىشقى چۆلىدە كېزىپ ئۇنىڭغا تەشنا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى تاشلارمۇ،مەرۋايىتلارمۇ سىزگە ئىنىق، جۇلالىق كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ. تىخى ئۆز ئەكسىڭىزنىمۇ كۆرەلەيسىز، بىپايان ئاسماندىكى ۋىسال قوياشىنىڭ شولىسى سۇ يۈزىدە جىلۋىلىنىپ سىزنى تىخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ . چىن مۇھەببەت ھىچ كىم ھىچ قانداق فورمىلاغا سالالمايدىغان ئۇقۇم .بىراق ئۇ گاھ دەشىت ،سىزنىڭ چىدامىڭىز ۋە ئىرادىڭىزنى تاۋلايدىغان؛ گاھ گۈل گۇلىستان باغ سىزگە جەننەت ھۇزۇرىنى بىرىپ ۋىلىقلاپ كۈلدۈرىدىغان............

     2006-يىل 18-ئاپرىل
       ھەممە يەردىن يىشىللىق پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلماقتا. ئېچىلغان گۈللەرنىڭ ئەتراپىدى كىپىنەكلەر پەرۋاز قىلماقتا، يىشىل تون كىيگەن دەرەخلەر لەرزان شامالدا ئۇسۇلغا چۈشكەن،ھىسلىرىممۇ ئويغانغاندەك تەبىئەتنىڭ ئىللىق ئەركىلىشىدىن كىرىلىپ ئەسنىمەكتە . كۆزلىرىم كۆپ قىتىملىق مەغلۇبىيەتلەردىن ھالسىزلاندى. سىنىڭ ئەشۇ نۇرانە جامالىڭلا كۆزلىرىمگە ۋەسلىڭ شادلىقىدىن ئۇمىد نۇرلىرىنى چاچسا ھە! خىياللىرىم گوياكى بىر پەرۋانە، ھامان سىنى چۆرگىلىپ ئايلىنىدۇ. ھالاك بولۇشتىن قورۇقمايدۇ . ئەس ھىسلىرىڭ ھىچ قاچان ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ بارلىقىنى بارلىقىڭغا سىڭدۈرىۋەتكەنسەن.
       ئەمدىلا ئىچىلغان ئۇچقۇن يۈرىكىمگە چەكسىز ھەسرەت ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ ھىجران كۆلىدە تۇنجۇقتۇرىۋاتىدۇ. چۇشلىرىڭ ئۇنى ئىستەيدۇ، چۈشلىرىم سىنى كۆز نۇرۇڭدا ئاجايىپ نۇر جىلۋىنىپ تۇرۇپتۇ شۇنداق بىر شولا يۈرىكىڭگە ئويۇلغان سۆزنى قارچوقلىرىڭدا ئەينەن كۆرسىتىدۇ . كۆزلىرىمىدە ماتەم مۇزىكىسى ياڭرايدۇ . پەرىشتەڭنىڭ سىمايى يۈرىكىمدىكى سۆيگۈ قوياشىغا قارا بۇلۇتنى يايماقتا.
       يۈرىكىڭ ئۇنىڭغا قاراپ سوقىدۇ، يۈرىكىم ساڭا ؛كۆزلىرىم سىنى ئىستەيدۇ، كۆزلىرىڭ ئۇنى ئاھ!

       2006-يىل 20- ئاپرىل
       قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراۋاتقىنى «تاشۋاي». زەخمەك راۋاپ تارىلىرىغا ئەمەس يۈرىكىمگە ئۇرۇلۇپ يارامنى قاناتماقتا ، ئۇنىڭدىن ئاجايىپ ماتەمدار مۇزىكىنى ياڭراتماقتا، سەن نىمىلەرنى قىلىۋاتقانسەن- ھە !
       ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا غەرق بولدۇڭ. ئەتراپ جىمجىىت، ئەل ئىغىر ياتقۇدا، ئاي يۇلتۇزلارمۇ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ . منىڭمۇ ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىم ئۇيقىدىن يىراق . قانچە كىچىلەر بولدىكىن ئۇيقۇ قۇشى ئۇۋىسىنى تاپالمايۋاتىدۇ. كىرپىكلىرىم تېخى قانغۇدەك سۆيۈشۈپ،ئۇنىڭ شىرىن لەززىتىنى تىتالمايۋاتىدۇ. يىرتىلغان نىقابىڭ كۆزنۇرۇمنى توسقۇچى تۇمانلىق چۈمپەردە بولۇپ نە ئۇچقۇن نە نۇرىنى قويمىدى، پەرۋاز قىلىپ كىلىپ قونۇشنى ئىستىگەن ئۇيقۇ قۇشى ئىلاجىسىز كىتىپ قالدى .چۈنكى ئۇۋىسى سىنىڭ ئوتۇڭدا كۈلگە ئايلانغان.
        قورقىمەن، چۈشلىرىمگە كىرىپ ماڭا يىڭىچە ئۈمىد بىغىشلاپ كۆزۈمنى ئاچساملا ھىجران دەشتىگە تاشلاپ جان تالاشتۇرۇپ قىينىشىڭدىن. بولدى ۋىدالىشىش نەغمەڭنى چىلىشنى توختات، مەن بۇنىڭدىن بەكرەك نىگارىڭغا بىغىشلىغان ۋىسال كۇيلىرىمنى ئەۋزەل بېرىمەن ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ سىنىڭ كۈلكەڭنى، بەختىڭنى تىلەيمەن . كۈلگىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت سىمفونىيىسى ئىككڭلارنىڭ ھاياتىنى گۈزەل مەنىگە، قەدىر قىممىتىگە ئىگە قىلسۇن. كۆز ياشلار مەن بىلەن كەتسۇن. 

       2006-يىل 29- ئاپرىل
        سۇبھى پەردىسى تىخىچىلا تاڭنىڭ يۈزىدە يىپىقلىق ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم مۇھەببەت ئەھلى ئۈچۈن ۋاقىت بولمايدۇ . ئۇنىڭغا كەچە بولمايدۇ ،چۇنكى كىچىنىڭ ئەلچىسى چۈش،ئوخلاش ئاڭا بىر دەملىك ھەمرا بولمايدۇ پەقەتلا مۇھەببەت تاتلىق ئازاپلىق چۈش، ئۇيقۇ،تۇن ئاسمنىدىكى ئاي يۇلتۇز. ئۇنىڭغا سەھەر بولمايدۇ ... بۇ چاغدا خوراز چىللىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كىچە ئۇخلىمىغىنىنى، ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشاش يېزىلغان جايلىرىنىلا ئوقۇپ چىققىنىنى، ئىككى تال شامنىمۇ تۈگىتىپ بولغىنىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ كۆزىدە ئۇيقۇدىن ئەسىر يوق. پۈتۈن ئەس-يادى ئەشۇ خاتىرىدىلا ئىدى.
    -داۋامى بار

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:34:46]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-4-10 20:34:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 475
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证