ئۇستاز يۈرىكى
ئۇستازدېگەن ئادەم ئارا ئاددىي ئادەمزات ،
قىرانلارغا كەڭ ئېچىلغان ئۇنىڭ قۇچىقى .
قەلبى ئۇنىڭ شۇنداق تازا ، كىر ، داغدىن ئازات ،
تاما قىلماس مەنسەپ ، شۆھرەت يا تاختا پەرى .
مۇنبەر ئارا تۇرۇپ مەڭگۈ قاقشىماستىن شات ،
يورۇتماقلىق تۈندەك دىلنى ئۇنىڭ ئارمىنى .
ھەر كىشىنىڭ تۇتقان يولى باشقىلارغا يات ،
ئۇنىڭ ھېكمەت باغچىسىدا ئېچىلار گۈلى .
ئۇستاز ئەجرى بىرلە ئۆرە كۇللى كائىنات ،
ئۇستاز بولماي يېشىلمەيدۇ تىلسىمات سىرى .
ئۇستازدىن نۇر ئالمىغانمۇ بارچە مەۋجۇدات ؟
پەقەت ئەۋلاد ئۈچۈن سوقار ئۇستاز يۈرىكى !
شاگىرتىنى ئۆرلەتسىلا كۆكلەرگە ، ھەق راست ،
شۇنىڭدىلا قەھ – قەھ ئۇرۇپ كۈلەر تىلىكى !
2008. 04 . 09 ( 03 )
باي مۇختار مۇھەممەتئىمىن ( نەزەر )
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:24:07]