بىر كۈنى
بىر كۈنى ئاي جىلۋىسى تۆكۈلگەن كېچە، دەرگاھىغا جۆنەيدۇ زۇلمەت. سۈترەڭ نۇردا يۇيۇنۇپ يوللار، ئەتە ئۈچۈن تىزار مۇھەببەت. يۈرىكىمگە لىقلاپ تەبەسسۇم، گۈلگۈن خىيال ئاچىدۇ چىچەك. ئالدىمدىلا جىلمىيار نازلىق، چۈشۈمدىكى مەسۈم كېلىچەك. نۇر تۆكۈلگەن يارقىن كېچىدە، يالتىرايدۇ ئالتۇنرەڭ ياپراق. مەن ئۆزۈمگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، پاكلىنىمەن-تاشلايمەن قاسراق