كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم
ساداقەتجان ھاجى
بىر دەقىقە يۇمدۇم كۆزۈمنى
خىيالىمدىن ئىزدەپ ئۆزۈمنى
شۇ قەدەر قىزغىن مۇھەببەت بىلەن
ھاياتنى سۆيگەندەك سۆيدۈم ئۆلۈمنى
ئۆلۈمنىڭ باغرىغا سانجىلغان تىكەن
غۇنچىلىدى قات - قات
قىزىل گۈلدەك قانلارغا پۈركەندى ئاخىر
بىر دەقىقە ئىچىدە ھايات
- قېنى سەن كەتمەنباي؟
- دىدى بىر سادا
- مانا مەن !
ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە قانمىدىم دادا؟
كىتاپنى ياپتىم
ئۆزۈمنى ئىزدەپ ئۆلۈمنى تاپتىم
ئۆلۈم
ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك ھايات
قەلەم
قەسىدەڭنى توختاتقىن توختات
سۈكۈت قىل!
سۈكۈت قىل؟
سۈكۈت قىل ئەمدى تىۋىشلارغا قۇلاق سال !
كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم
[2008 - يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى. قەشقەر]
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 17:39:10]