سەن مېنىڭدىن ئايرىغىن چىگرا
قارىما كۆزۈمگە تىكىلىپ مۇنچە
ئالمىغىن يۈزۈمنى ئالقانلىرىڭغا.
شات ئېتەر لەۋلىرىم كىرپىكلىرىڭنى
سەن ماڭا ئالدىنىپ قالغانلىرىڭدا.
ئېسىلما بوينۇمغا ھەممىسى يالغان
ئەركىلىتىش سۈيۈش سىلاشلارمۇ ھەم.
كىرەلمەيسەن دات باسقان غېرىپ روھىمغا
تاملىرى قېلىندۇر قېلىن مۇستەھكەم
. خوش دەپ كۈتۈرگىن نازۇك قولۇڭنى
باسمىسۇن قەلبىڭنى بىخۇتلۇق غەپلەت،
ۋاز كەچكىن قاپقارا مىسكىن كۆزلەردىن
چاچقىنى ئەمەستۇر ساڭا مۇھەببەت
كۆكسىڭنى يۇشۇرغىن سوغوق قوللاردىن
ئۇنىڭدىن تارىغىنى ئەمەس ھارارەت،
ماڭمىغىن ئەگىشىپ ئورۇق پۇتلارغا
بولمىسا تارتىسەن ئازاپ ۋە كۈلپەت.
ئۆتىنەي مېنىڭدىن ئايرىغىن چىگرا
بۇمىنىڭ سەن ئۈچۈن يالغان تىلىگىم،
تەنھالىق مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەبەت
گەر تۇرسا يىنىمدا تىنىڭ ئىسسىقلا
ئېچىنىپ يىغلايدۇ زىدە يۈرىكىم.
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:19:31]