تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    muzatocli
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 45
    jelil0997@163.com

    يازما سانى : 9
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-2-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ

    چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
    «بەربات بولغان مۇھەببەت» تىن تۇغۇلغان پىكىرلەر
     جېلىل ئاۋۇت

       رەيھان ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ياخشى كۆرۈشكەن يىگىتى رەپقەتنى بەش يىل كېتىدۇ. رەپقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن«كەسپ ئۈچۈن»ئۆزى« ياخشى كۆرگەن»قىز رەيھاننى،ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. رەيھان ئۆزىنىڭ رەپقەتكە قىلغان ئەقىدىسىگە زار-زار يىغلاپ خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ. رەپقەت ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن سانىيە(رەپقەتنىڭ يەنە بىر« مۇھەببەت»ى)نىڭ دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن مىڭ تەستە ئورۇنلاشقان خىزمەت ئورنىدىن ھېچبىر سەۋەپسىزلا ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە رەيھاننىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا كۆرۈشۈش ھەققىدە خەت كىرگۈزىدۇ. خېلىل ئايالى بىلەن رەپقەتنىڭ چاتقاللىقتا خۇپىيانە كۆرۈشكەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ يېزا دوختۇرخانىسىدا رەپقەتنىڭ قولىدا جان ئۈزىدۇ. رەيھان دەريا بويىدا تۇرغاندا رەپقەت تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنى ئۆلۈۋېلىشتىن توسۇپ قالىدۇ. مانا بۇ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى ئىشلىگەن ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«بەربات بولغان مۇھەببەت»نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى.
        مەن بۇ پىلاستىنكىنى بىرنەچچە قېتىم ياندۇرۇپ كۆرگەن بولساممۇ كىم بىلەن كىمنىڭ «مۇھەببەت»نىڭ بەربات بولغانلىقى زادىلا بىلەلمىدىم. بۇ تېلېفىلىمنى كۆرگەن باشقا كىشىلەردىن سورىسام، ئۇلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدى. فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا سېنارىست رەپقەت بىلەن رەيھان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نىسبى ھالدىكى ئاخىرلىشىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دېمەكچى بولسا كېرەك. رەيھاننىڭ رەپقەتنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، رەپقەتنىڭ رەيھاننى ياخشى كۆرۈشى ھەم تۇراقسىز ھەم چىن ئەمەس. رەپقەت رەيھاننى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇنى خېلىلغا «تارتقۇزۇپ»قويماي،ئەلچى كىرگۈزۈپ، نىكاھلاپ ئەمرىگە ئېلىشى تامامەن مۇمكىن بولاتتى. لېكىن، رەپقەت خېلىلنىڭ رەيھانغا ئەلچى كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ.( ئەمەلىيەتتە رەپقەت رەيھاننىمۇ،سانىيەنىمۇ،ئانىسىنىمۇ، يۇرتىنىمۇ، كەسپىنىمۇ ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچنىمىگە ھەقىقىي مۇھەببىتى يوق.) شۇنىڭ بىلەن رەيھان ئاتا-ئانىسىغا قارشىلىق كۆرسەتمەيلا خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ.
        بۇلاردىن قارىغاندا رەپقەت بىلەن رەيھاننى يۈرىۋاتقانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھەببەت دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بىرىنچىدىن، قىلچە ساختىلىق، دېلىغۇللۇق ۋە سەمىمىيەتسىزلىكىنى كۆتەرمەيدىغان چىن مەنىدىكى مۇھەببەت دېگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ھېس-تۇيغۇنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىراقلا چۈشۈرىۋېتىمىز؛ ئىككىنچىدىن، خېلىل قازا قىلغاندىن كېيىن رەپقەت بىلەن رەيھاننىڭ «مۇھەببەت»ى بەربات بولماستىن، ئەكسىچە پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، بەربات بولغىنى خېلىل بىلەن رەيھاننىڭ مۇھەببىتى دەپ قارىساق،يەنە يېڭىلىشىپ قالىمىز. رەيھان خېلىلنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇ رەپقەت ئاتالمىش«كەسىپ» ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە بېرىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا رەپقەتكە ئاچچىق قىلىپ خېلىل بىلەن توي قىلدى ھەم ئۇنىڭدىن خۇپىيانە ھالدا رەپقەت بىلەن كۆرۈشتى. خېلىلنىڭمۇ رەيھاننى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىى خېلىلنىڭ رەيھاننى ساۋىغان قامچىسىدىن مەلۇم. ناۋادا ياخشى كۆرۈشمەيدىغان ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا يەنە خېلىلنىڭ قازا قىلىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دىيىشكە ئاساسىمىز يوق.
       روخسارىنىڭ راك كېسىلىدە،رەسسام يىگىتنىڭ تېتانكتا قازا قىلىپ كېتىشى بىلەن خەمىت ۋە روخسارى،رەسسام يىگىت ۋە ئۇنىڭ سۆيگىنى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بەربات بولدىمۇ؟ ياق! مەن چۈشىندىغان چىن مۇھەببەتتە ئازاپ، جۇدالىق، ھىجران،مۇرادىغا يېتەلمەسلىك دېگەن سۆزلەر مەۋجۇت؛ بەربات بولۇش دېگەن سۆز قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. نىكاھ، ئەقىدە، ئارزۇ، ئىشەنچ، ساختا مۇھەببەت...قاتارلىقلار زامان بورانلىرىدا بەربات بولۇپ توزۇپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ.لېكىن، ھەقىقىي چىن مۇھەببەتنى توپان بالاسىمۇ، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىمۇ بەربات قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئۆلۈم ياكى جۇدالىق بىلەن مۇھەببەت بەربات بولىدىغان ئىش بولسا، تاھىر زۆھرە ئۈچۈن، پەرھات شىرىن ئۈچۈن،مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،فىتوفى...ئەل- ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرەرمىدى!
       ئەجداتلىرىمىز«جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس»دەرمىدى! سۆزۈمنى يىغىنچاقلىسام، «بەربات بولغان مۇھەببەت»دېگەن بۇ تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا مۇھەببەت دەپ قارىغۇدەك ھېچنىمە يوق . ھەقىقەتەنمۇ ھازىر جەمىيىتىمىزدە قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەزگىل سىنىشىپ يۈرۈپ بېقىپ ، كېيىن بىرسى- بىرسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەي ياكى ئەرزىمەس بىر سەۋەپ بىلەن ئادا- جۇدا بولىدىغان ئىشلار ساماندەك تولا. بۇلارنى شۇ پېتىلا مۇھەببەت دەپ كۆتىرىپ چىقساق، قانداقمۇ سەنئەتنىڭ يۈكسەكلىكىدىن، ئېستېتىك قىممىتىدىن ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش رولىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟
         مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەس ۋە كەڭ دائىرلىك تېما. ئۇ يالغۇز قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىلا بولمايدۇ. ئۇرۇق- تۇغقان، ئۇستاز-شاگىرت، ئەل- ۋەتەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت ، ئادەم بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ. مۇھەببەت يەنە ئىرادىسىز، بوشاڭ ئادەملەرنى خورلۇققا،چۈشكۈنلىككە، ھالاكەتكە دۇچار قىلىدۇ. قەيسەر ئادەملەر مۇھەببەتتىن چەكسىز كۈچ- قۇۋۋەت، جاسارەتكە ئېرىشىدۇ. مەن بىلىدىغان نوبىل،ئېينىشتېيىن قاتارلىق خېلى نۇرغۇن غەرب ئالىملىرى مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بۇ ئازاپنى ئۇنتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلىم-پەن بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ ،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشكەن.
        ئەمدى بىزدىكى ئەھۋالچۇ؟ بىزدە مۇھەببەت-نىكاھدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان يىگىتلەر «دەردى» ئۈچۈن ئىچىپ-چىكىپ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان بولسا،قىز-ئاياللار ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يازغۇچى- سىنارستلار بۇ مەسلىگىمۇ دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە،ئېكراندىكى يىغا-زارىنى ئازايتىش، ھىندىستان كىنولىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر كىنولىرىدىمۇ جەڭگىۋارلىق، ئۈمىدۋارلىق روھى بولۇش كېرەك. بولسا قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بىلەن كەسىپتىكى مۇۋەپىقىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. سىنارستلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرەتكەندە «تېتانك»،«مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»،«ۋاپادار ئايال»، «كىيورى خانىم»، «سۇنجۇڭ شەن»گە ئوخشاش مۇھەببەت تېمىسىدىكى نادىر كىنو-تېلىۋېزىيە فىلىملىرىدىكى ياخشى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ،«بۇ چۈش ئەمەس»،«ئۆچكەن يۇلتۇز»،«چىن سۆيگۈ»گە ئوخشاش يۇقىرى ئېستېتىك قىممەتكە ۋە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور سىناريىلەرنى ئىجات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇھەببەت قەدىمدىن تارتىپ يەر شارىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان دۇنياۋى ئۇقۇم. خۇددى «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» فىلىمىنىڭ بىر ناخشىسىدا «تۈگەيدۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە قۇرۇپ، قالىدۇ پەقەتلا پاك مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولۇپ»دېيىلگەندەك، ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكاندا چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ!

     باي ناھىيە توقسۇن يېزا 2007-يىل5-ئاي



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-3-1 22:09:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 2458
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证