تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان( فىليەتۇن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    muzatocli
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 45
    jelil0997@163.com

    يازما سانى : 9
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-2-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان( فىليەتۇن)

    چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان
    ( فىليەتۇن)

          چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان (فىليەتۇن) جېلىل ئاۋۇت پىتلار قەۋمىنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۆز بەدىنىدىن ماكان ۋە ئۇزۇقلۇق بىرىپ بېقىپ كېلىۋاتقان ئادەملەرگە قانداقراق «خىزمەت» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئادەملەرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىندىغان بىر تۈركۈم تىڭ- تىڭچىلارنى يولغا سالغان ئىكەن. نەچچە ئايلاردىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كى رىپ ، ئىنسانلارنىڭ پىتلار ھەققىدىكى ئىنكاسىنى دوكلات قىلىپتۇ. قىزىق يېرى، ھەممىسى تىلىنى بىر قىلىۋالغان دەكلا : - ئىنسانلارنىڭ :« چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك يامان» دېيىشكىنىنى ئاڭلىدۇق، - دەپتۇ. پىتلار پادىىشاھى ھەيران بولۇپ : - بۇ زادى نېمە گەپ ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي ، چوڭ پىتلار ئارىلاپ- ئارىلاپ، قېنىپ- قېنىپ تۇيدۇرماي چاقىدىكەن. ئەمما كىچىك پىتلار بىردەم پايپاقنىڭ قونچىغا، بىردەم ئىشتاننىڭ ئېغىغا كىرىۋېلىپ چاقسىمۇ يەنىلا تويماي، ئادەملەرگە بەدىنىنى قاشلىغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بەرمەي چېقىۋېرىپ، ئۇلارنى بەك بىزار قىلغان ئوخشايدۇ،-دەپتۇ. پادىشاھ غەزەپلىنىپ ، بىر توپ كىچىك پىتلارنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ ئەكىلىپ ، ئۇلار غا قاتتىق كايىپتۇ. - كايىمىسىلا شاھىم، سىلىنىڭ سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا ھەددىمىزمۇ بىزنىڭ،- دەپتۇ كىچىك پىتلار تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، - تىڭ- تىڭچىلار گەرچە ئادەملەرنىڭ سۆزىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما دائىم ئۇلار بىلەن بىرگە بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتۇ. بىزلەر ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ، دىلىنىمۇ خېلى ئوبدان چۈشىنىمىز. ئادەملەرنىڭ «چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك چاقدۇ» دېگىنى يالغۇز بىزگىلا قارتىلغان سۆز ئەمەس. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى قۇشۇقنىڭ سېپىچىلىك «ھوقۇق» ىدىن پايدىلنىپ ئۆزلىرىنى قان- قان يىغلىتىۋاتقان «خەلقنىڭ چاكارلىرى»نى يامان دېگىنى. ئادەملەر ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى ئەسكى چاپانلىق پىتلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان زامان زورلىرىنىڭ نەسلىنى قۇرتالماي تۇرۇپ ، بىزنىڭ نەسلىمىزنى ھەرگىز قۇرتالمايدۇ. پىتلار پادىشاھى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ ، قۇبۇلنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
    باي ناھىيە توقسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن جېلىل ئاۋۇت بۇ فىلىيەتۇن «كروران» ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 1- سانىغا بېسىلغان.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-2-26 23:30:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 639
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证