بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى ....
بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى( مۇلاھىزة )تۇرغۇنجان مۇسا خةلقىمىزنىڭ توي- تۆكۈن ، ئۆرپ- ئادةتلىرى ئۇزاق تارىخقا ۋة ئۆزگىچة ئالاھىدىلىككة ئىگة . خةلقىمىز توي مۇراسىمى ئارقىلىق يىڭىچة تۇرمۇش ، يىڭىچة ھاياتلىقنى بارلىققا كةلتۈرىدۇ . دېمةك ، توي ئادةمگة بةخت- شادلىق ئاتا قىلىدۇ . ئةپسۇسكى ، توي بولغان ھةر قانداق يىگىت - قىزغا شادلىق بېغىشلايدىغان توي سورۇنى بۈگۈنكى كۈندة يېزا - قىشلاقلاردا غةلىتىرةك سورۇن تۈسىگة كىرىپ قېلىۋاتىدۇ . يېقىندا مةلۇم بىر يىزىدا ئۆتكۈزۈلگةن تۇغقىنىمنىڭ ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قالدىم . تاڭ سةھةردىلا كۆڭۈللۈك باشلانغان بۇ توي سورۇنى چۈشتىن كىيىن سائةت بىر ، ئىككى بولا - بولمايلا سۇسلىشىشقا باشلىدى ، يىگىتنىڭ تويىنى مۇبارةكلةشكة كةلگةن ياشلار « يوقلىمىدىن ئۆتۈپ » لا تةرةپ - تةرةپكة يوقاپ كىتىشتى . قىزنى يۆتكةيدىغان ۋاقىتتا ھويلىدا مۇزىكىغا تةڭكةش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ، توينى قىزىتىپ ئةۋجىگة كۆتۈردىغانغا ئادةم بولمىغاچقا ، كةڭ ، ئازادة ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدة ساز چىلىۋاتقان سازةندىلةرنىڭ كةيپىياتى تۆۋةنلةپ قالدى . تويى بولغان يىگىت بۇ خىل ھالةتتىن خىجالةت بولۇپ تةرةپ-تةرةپكة چىپىپ دوستلىرىنى چاقىردى . بىراق تويغا شۇ كۈنى خېلى بۇرۇنلا كةلگةن جان-جىگةر دوستلار شۇ مةھةللىدىكى ئورمانلىق ۋة ئۈستى تىخى يىپىلمىغان ئۆيلةرگة كىرىۋىلىپ قىمارغا غةرق بولغانىدى. ئۇلارنىڭ بةزىلىرى تويغا ئاتىغان سوۋغاتلىرىنىمۇ ئۇتتۇرۇپ ، زىياننىڭ ئاچچىقىدىن يۈزلىرى پوكاندةك قىزىرىپ كةتكةنىدى . تويى بولغان يىگىت دوستلىرىنى ھويلىغا يىغىپ بولغىچة قاراڭغىمۇ چۈشۈپ قالدى . مةن ئىلگىرىمۇ بىر قانچة تويغا قاتنىشىپ ، يۇقىرقىدةك ئةھۋاللارنى يولۇقتۇرغانىدىم . ھېس قىلىشىمچة ، توي سورۇنىنىڭ قىمار سورۇنىغا ئايلىنىپ قىلىشىدةك بۇ خىل ناچار خاھىشلار يىزا- قىشلاقلاردا خىلى ئةۋج ئىلىپ قاپتۇ . بۇ خىل يامان خاھىشلارغا مۇناسىۋةتلىك ئورۇنلار دةرھال تةدبىر قوللانمىغاندا ، جةمئىيةت ئامانلىقىغا تةسىر يةتكۈزىدىغان قىلمىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ ،يېزىلار نىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تةسىر يىتىدۇ .
( ئاپتور : « قةشقةر گىزىتى » ئۇيغۇر تةھرىر بۆلىمىدة)