تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    赛依旦08
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 3
    mila77@163.com

    يازما سانى : 1
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-2-13 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بەخىتلىك بول قەدىرلىكىم

                9-ئىيۇل بۈگۈن نىمىشقىدۇر يىغلىغۇم كىلىپلا تۇرىدۇ،چۈشتىن كىيىن قىزىمدىن تىلىفۇن كىلىپ چۈچۈك تىللىرى بىلەن «ئاپا سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ،مىنى كۆرگىلى قاچان كېلىسىز؟»دىگىنىدە ئۇنىڭغا سىنىڭ «بالىنى بەكمۇ سېغىندىم،قۇشۇلساڭ بالىنى بىر مەزگىل يىنىمدا تۇرغۇزسام »دىگەن تەلىپىڭنى يەتكۈزدۈم ،قىزىم بىردەم جىمىپ كىتىپ «ئاپاممۇ داداممۇ سىز جىنىم ئاپا،ئۇ ئادەمنىڭ يىنىغا بارمايمەن »دىگىنىدە كۆز ياشلىرىمنى تۇتۇپ قالالمىدىم ،يۈرەك يارام قاناپ كەتكەندەك ھېس-تۇيغۇلىرىم تورمۇزلۇنۇپ ئولتۇرۇپلا قاپتىمەن ،خىزمەتدىشىم كىرىپ ۋاقىت توشتى ،ئىشتىن چۈشمەمسىز دىگەندىلا ئىسىمگە كېلىپ ماتىرياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايىتتىم، تۇمان قاپلىغان شەھەر،ناتۇنۇش چىرايلار كۆزۈمگە بەكلا يىقىمسىز كۆرۈندى . ئۆيگە كىرىپلا غېرىپلىق ھېس قىلدىم ،ھەممە يەردە سىنىڭ سىمايىڭ،كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى،سەن بۇرۇن دائىم «كۆزلىرىڭ بەكمۇ چىرايلىق ،قاراشقىلا ئاقكۈڭۈللۈكۈڭ چىقىپ تۇرىدۇ،سىنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن ،كۆزۈڭدىن ياش ئاققۇزمايمەن »دەيىتتڭ،لىكىن سەن مىنى ۋە قىزىمنى تاشلاپ كەتكەندىن بېرى كۆزلىرىمدىن ياش قۇرۇمىدى،چەكسىز خىياللار بىلەن نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۈتكۈزدۈم ، سەن بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ،ئىككىمىز ئاجراشقۇچە بولغان ئىشلارنى تالاي قېتىم خىيال ئېكرانىمدىن ئۈتكۈزدۈم ،تالاي قېتىم سىنى ۋاپاسىز ،مىنى ئەلەمدە قويدۇڭ دەپ ئۈزۈمنى ئىشەندۈرمەكچى ،ساڭا نەپرەتلەنمەكچى بولدۇم،لىكىن سىنى سۆيگەن قەلبىمدە نەپرەتكە ئورۇن يوق ئىكەن ،ئۆزۈمنى ئەيىپلەشكە «بەلكىم سىنى دەپ ئاتا-ئانامدىن،يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ۋاپاسىزلىق قىلغاننىڭ جازاسى »دەپ ئويلاشقا مەجبور بولدۇم،سىنىڭ سوت مەيدانىدىن چىقىپلا مىنى چىڭ قۇچاغلاپ تۇرۇپ «بەش يىلدىن بېرى يۈزۈمنى يەرگە قارىتىپ قويمۇدۇڭ ،رەخمەت ساڭا،قىزىمىزنى ئۈزۈڭگە ئوخشاش ئەخلاقلىق تەربىيلەپ چىقالىشىڭغا ئىشىنمەن »دىگەن سۆزلىرىڭنى ئەسلەپ ئۆزۈمگە«مەن دىيانەتلىك ياخشى ئانا،ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كېتىدۇ»دەپ تەسەللى بەردىم ،ۋاقىت ئۆتتى ،لىكىن يۈرىكىمدە ئازاپ بىلەن خۇشاللق ئارلاشقان ئەسلىمىلەرنىڭ ھەسرەتلىك دېغى قالدى،سىنىڭدىن بەكمۇ سورىغىم كېلىدۇ «سىنى بىزدىن كەچتۈرۈپ،ھەتتا سەن ئاجرىشىشقا تۈزۈك باھانە تاپالماي،ئاجراشمىساڭ ئۈلۈۋالىمەن دەپ دەرىزىگە يامشىشقا،ئاجراشمىساڭ ئۆلتۈرۋىتىمەن دەپ قىزىمىزنىڭ ئالدىدىلا قۇلۇڭغا پىچاق ئېلىپ،5ياشلىق قىزىمىزنىڭ ئالدىدا ئاتىلىق ئوبرازىڭنى يوقىتىشىڭغا سەۋەپچى بولغان جانانىڭ ساڭا مىنىڭ سۆيگۈمدىن ئارتۇق سۆيگۈ بېرەلىدىمۇ؟ جانانىڭنىڭ ناز كەرىشمىلىرى قىزىمىزنىڭ ئوماق سەبىي سىماسىنى كۆز ئالدىڭدىن يۈتكۈزەلىدىمۇ؟؟؟؟؟» ئەگەر سەن« ھەئە شۇنداق قىلالىدى» دىسەڭ، بەخىتلىك بول قەدىرلىكىم ،دۇنيادىكى بارلىق بەخىتنىڭ ھەممىسى ساڭا نېسىپ بولسۇن!!!!


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-2-15 19:23:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 426
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证