تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز: يالغۇز قېلىشتىن ق
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ئوغۇز
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 6
    oghuz@163.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز: يالغۇز قېلىشتىن ق

    يالغۇز قېلىشتىن قورقۇش
    تۇرسۇننىياز توختى

           ئوغۇز جىمجىتلىق مۇز باغرىدا مۇز _ تامدا ۋە بوشلۇقلاردا. ئۆي ۋە مەن، خىياللار ۋە ئاۋازسىز بىر كۈي ئېچىرقىغان كېچە ئاغزىدا. مەن ئۆيۈمدە يالغۇز، يالغۇزلۇق تېخىمۇ بەك تەنھا. بەلكىم دەريا قىزىل بويالدى بەلكىم ئورمان قاراقچىلارغا تولدى بەلكىم بىر قورقۇنۇشلۇق ئەرۋاھ تىۋىش چىقارماي ئۆگزىگە قوندى... كېچە ئۆسكىلەڭ تىرناقلىرى بىلەن ئىشىك ۋە دەرىزىنى چېكەتتى، توساتتىن بىر قۇش ئەنسىز قانات قېقىپ جىمجىتلىقتا ئېرىپ كەتتى. مەن ۋەھىمە ئىچىدە يالغۇزلۇقتىن يىراقلاش ئىستىكىدە ئۆزۈمگە مەھكەم ئېسىلغىنىمچە يۈگرەپ بارماقتىمەن ھېچقانداق يەرگە... يالغۇزلۇق _ تاش يالغۇزلۇق _ جاراھەت يالغۇزلۇق _ يىرتقۇچلار ئارىلى يالغۇزلۇق _ ئوت كەتكەن سائەت. يالغۇزلۇق _ قېلىچ بونۇمغا چۈشمەستىن دىۋەيلەپ تۇرغان يالغۇزلۇق _ ئەڭ يوچۇن بىر ئۆي ئۆلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېنىغا تولغان. مەن قورقىمەن يالغۇز قېلىشتىن يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن قورقىمەن يالغۇزلۇقنىڭ يەنە بىر مۇنچە ۋەھىمىسىدىن يالغۇزلۇق قارشى تەرىپىمدە كۆيۈپ تۇرغان ئادەمسىز شەھەر، مەن ئۇ يەردىكى يالقۇن ئارىسىدا ئارغامچىنى ئۈزەلمىگەن ئات!..



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-1-29 13:43:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 234
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证