گۇلزار قاقاسلىق
گۇلزار قاقاسلىق بىر پىيالە چاي ئۈچۈن، بىر توغراقنى قالىدىم.
تەمبۇرۇمنى ياراتماي، گىتاردىن بىر پاسلىدىم.
گۇلزارلىقنى ياسايمەن.. توغراقلارنى قومۇرۇپ.
گىتار ئاھاڭى مەس قىلدى، "لەيلىگۇل"دىن چاندۇرۇپ.
قۇملۇقتىكى دېسكودىن، تاپالمىدىم پۇتۇمنى.
نىشان..... ئاتا قىلدى ئۆلۈمنى.
توغراق گۈلى بارمىدۇ......
ماڭا تەنبۇر يارمىدۇ...
. ئۆلۈك زىمىن كۆز يېشىمدا كۆكلەشكە زارمىدۇ..