تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› رەخىم ياسىن قاينامى:مايىمخان
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    kaynami
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 188
    kaynami@163.com
    1471648165
    يازما سانى : 17
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-12 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    رەخىم ياسىن قاينامى:مايىمخان

    مايىمخان قوشىغى
    رەخىم ياسىن قاينامى

     مايىمخان،مايىمخان يۈرىكىمنى تېشەر ئوق
    مەن يوللارغا قارايمەن نۇزۇگۇم يوق،
    مايىم يوق مايىمخان،
    مايىمخان ۋۇجۇدۇمنى تېشەر ئوق...

     ئاسمان يىغلاپ،تاڭ يىغلاپ
    غېرىپ بولغان بىز دەيدۇ
    ئەنسىز ھوۋلاپ شاماللار
    ئۆچمەيدۇ بىر ئىز دەيدۇ
    مايىم كۈلۈپ:باشسىزمۇ
    پۈكۈلمىگەن تىز دەيدۇ...

    تاغلار سېنىڭ قەلبىڭدۇر
    ئاتلار يىغلار ياراقسىز
    سەندە كەتكەن بىر ئوت بار
    مېنىڭ قەلبىم چىراقسىز

     مايىمخان،مايىمخان
    كەپتىرىمگە بېرەي دان
    مايىمخان،مايىمخان
    جېنىڭغا مىڭ بېرەي جان

     تۈننىڭ چېچى قاپقارا
    ئاسمان ياغار تۈن ئۈچۈن
    بىز ياغىمىز بەتلەرگە
    سۇلۇپ كەتكەن گۈل ئۈچۈن
     ۋەتىنىمىز شامالدۇر
    تىترەپ تۇرغان كۈل ئۈچۈن...

     كەتتى روھنىڭ شاھلىرى
    گادايلاشقان دىل قالدى
    سەن ئالەمنى سورىما
    كېسىلگەن بىر تىل قالدى
    جان كۆكلىگەن جايلاردا
    بابۇر مىنگەن پىل قالدى
     كۆز يېشىمىز بەھرىدە
    دولقۇنلىغان نىل قالدى


     ھەسرىتى بىز ئۇرخۇننىڭ
    ئەقىدىمىز تاش بولغان
    سەن چۈشەندىڭ مايىمخان
    تەن بىر تامچە ياش بولغان
    ئېچىرقىغان بۆرە بىز
    يىلتىز بىزگە ئاش بولغان...

    جەسىتىمىز كىيىمسىز
    ھايا كەتتى جان كەتتى
    روھىڭ بىلەن مايىمخان
    ئانام ياققان نان كەتتى
    ئېيتىپ ئەرك ناخشىسى
    دەريا-دەريا قان كەتتى

     مەن باغرىمنى يارمىسام
    چېچەكلىمەس چايلىرىم
    قولۇم يەتمەس ئاسماندا
    يۇلتۇزلىرىم ئايلىرىم
    ئاتلار ھارغىن پۇشقۇرار
    تۇغۇلمىغان تايلىرىم

    مايىمخان،مايىمخان
    يالقۇن بىزنىڭ جېنىمىز
    مايىمخان،مايىمخان
    دولقۇن بىزنىڭ قېنىمىز...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 12:23:22]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-1-6 21:28:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 155
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证