تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى(غازى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    qasimjan
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 64
    qasimjan@126.com

    يازما سانى : 14
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-6-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى(غازى)

    مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى
    (غازى)

      شەپىسىز ياشىدىم قاردەك لەپىلدەپ،
     جىمجىتلىق قەلبىمدە تۇتقان بىر ماكان.
       ئەڭ ئۇزۇن ئەڭ شىرىن يالغۇز ئۇخلىدىم.
     كارۋىتىم يېنىدا ئۆلگەن بىر ئارسلان.    

     يوق بۈگۈن قولۇمدا يۇيۇلغان يۈزۈم،        
      سىلايمەن ئاۋايلاپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم.   
      تورۇسقا تىكىلدىم ،  سۈرمىدىم خىيال
     غۇۋالىق ئىچىدە تالماقتا كۆزۈم .    
         
     ماڭدىم ، ماڭغاندەك دەريا بويىغا
     تىكلەنگەن سۇ خانا تېمىغا ئەينەك.  
    چىقىمەن ئۆيۈمدىن ، ئۇزاتماس ھېچكىم،      
      ئارسلانغا يار بولسۇن چانالغان يۈرەك.

     چىققىن ئۇيقۇلار ،  ياردەك ئېسىمدىن،
     قالمىدى ئاخىرى مەن كۆرگۈدەك چۈش.  
     كېتىمەن چېقىلغان خارابىلەرگە ، 
     ھاردۇردى روھىمنى بىلمەي سۆيۈشۈش ! 

           2007-يىلى25-دېكابىر. ئۈرۈمچى .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 12:15:56]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 15:27:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 343
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证