مېنىڭ ئېتىزلىقىم
مېنىڭ ئېتىزلىقىم (بويىغا يەتكەن قىز تىلىدىن)
ناھايىتى كەڭ كەتكەن ،
بىپايان مۇنبەت تۇپراق
ئىگىسىز ، قاغجىراپ تۇرغان
بۇ يەردە نە گۈللەر ،
نە بۇغداي يوق ياۋا ئوت – چۆپلەر ،
شۇمبۇيىلار بوي تالىشىپ ئۆسكەن
تىكەنلەر سۇ تىلەيدۇ ئاپتاپ تىلىدا ،
سۇ تىلەيدۇ تىكەن شېكىرى ،
ئوخشىغان ، گەز باغلىغان تۇپراق قوينىدا .
ئارغىماقنىڭ ئېسىگە يەتمەس ،
بوي تالاشقان ئوت – چۆپلەر يەتمەس .
بىر توپ ئايغىر چېپىپ ئۆتىدۇ ،
يېرىم كېچە ئېسىنى يىغىپ ،
چوغنى پۇۋلەپ ، پۇۋلەپ كېتىدۇ،
تاڭ ئاتقىچە دەريا سېغىنىپ .
تاڭ ئاتقاندا يەنە بىر ئايغىر ،
بىر مەش ئوتنى قويۇپ ئۆتىدۇ .
ئارغىماقنىڭ ئېسىگە يەتمەس ،
بۇ ئوت تەندە كۆيۈپ ئۆتىدۇ .
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:39:50]