ئېرتىش ئەپەندى 1 بىزنىڭ خىيالىمىز دۈشمەنلەر ئاز بولسا، بىز جىق بولساق؛ دۈشمەنلەر قورشاۋدا بولسا، بىز ئۇلارنى قورشىۋالغان بولساق؛ دۈشمەنلەر پەستە بولسا، بىز ئېگىزدە بولساق؛ دۈشمەنلەرنىڭ قولىدا كالتەك توقماق بولسا، بىزنىڭ قولىمىزدا پىلموت-ئاپتومات بولسا، تازا بىر ئېتىشىپ باقساق!!! 2 مېنىڭ خىيالىم «پۈف!» دېسەم، بىنالار ئۆرۈلۈپ كەتسە. «سۈف!» دېسەم، دۈشمەنلەر قىرىلىپ كەتسە. شۇنداق كۈچلۈك بولسام، ھېچكىم ماڭا تەڭ كېلەلمىسە.
كۆرۈنمەيدىغان كارامىتىم بولسا، جاللاتلارنى ئۆلتۈرۈپ ئوينىسام. ئۇچىدىغان قانىتىم بولسا، سېنىڭ قېشىڭغائۇچۇپ بېرىپ، ئەزەلدىن دېيەلمەي كەلگەن سۆيگۈمنى ئىزھار قىلسام. سەن مەندىن چوقۇم سورايتىڭ: __ساڭا نېمە كېرەك؟ مەن ساڭا دەيتىم: __ماڭا ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت كېرەك!