ئارمان قەسىدىسى
---ئەھەدى---
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئەمما كۈلۈپ ياشايمەن ،
يۇلۇپ ئېلىپ يىغلاڭغۇ قىسمەتلەردىن كۈلكەمنى .
خىيالىمدا دۇنيانى چۇۋۇپ قايتا ياسايمەن ،
ئۇمۇرتقامنى خىش -كىسەك ،تىيەك قىلىپ يەلكەمنى.
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئەمما كۈلۈپ ياشايمەن ،
قاقاھلىغان كۈلكەمدىن سۆيۈندۈرۈپ ئالەمنى .
دىلپايەمدە يىڭىدىن يىڭى ئارمان ئۈندۈردى ،
ھايات ھامان كۆمەركەن ئارمانلارغا ئادەمنى .
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئارمان قىلىپ كۈلكىنى ،
بىر كۈلكىگە بىر يىغا يۇرەر ئەمما سوڭدىشىپ .
قىزىل گۈلنىڭ يېىنىدا بولغىنىدەك تىكىنى ،
كۈلكە، يىغا مۈكۈلەڭ ئوينار ھامان قوغلىشىپ .
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئون ئاي،ئون كۈن ، ئون دەقىق...
ياتقان ئانام باغرىدىن ئايرىلىشقا چىدىماي .
يىغلىشارمىز يەنە بىر ئۇرۇق- تۇققان، يار- رەپىق ،
چاپلاشقاندا سالجىدەك ئۆلۈم دىگەن رۇدۇ پاي ...!
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، يەنە يىغلاپ كېتەرمەن ،
ئىككى يىغا ئارىسى غەنىمەتتۇر مەن ئۇچۇن .
قىزىق دېسەڭ ھاياتنى بەلكىم تەسدىق ئېتەرمەن ،
قوشۇلمايمەن ۋە لېكىن دېسەڭ سىرلىق ھەم يوچۇن ،
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ،ئارمانلارنى ھاپاشلاپ ،
كېتەرىمدە ئارماننى يەنە يۇدۇپ كەتكىم يوق .
ئېسەنكىرەپ باش قاشلاپ ،قۇرۇق كۆلگە تور تاشلاپ ،
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە پۇشايمان يەپ ئۆتكۇم يوق !
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئارمان پەۋەس دىلىمدا ،
ئۈگۈتلەنسەم ھاياتنىڭ غەلۋىرىدە تاسقىلىپ .
پۈچەك ياكى چار ئەمەس، مەرۋايىتتەك دېنىمدا
چىقسام دەيمەن دوستلىرىم ئالدىڭلارغا ئاش قىلىپ.
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ھېزى بولۇپ ئۆزۈمگە ،
ھايات ئالار ئىمتاھان چۈنكى ھەربىر ئىنساندىن.
نۆل ئالامسەن ياكى يۈز، پەقەت باغلىق ئۆزۈڭگە،
تاپالمايسەن تىلەپمۇ لاياقەتنى ئېھساندىن.
يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا دېمەك، كۈلۈپ ياشايمەن،
يولۇپ ئېلىپ يىغلاڭغۇ قىسمەتلەردىن كۈلكەمنى.
ئارمىنىم شۇ: دۇنيانى چۇۋۇپ قايتا ياسايمەن،
قوۋۇرغامنى پەلەمپەي، شوتا قىلىپ يەلكەمنى.
_____ ئابدۇلئەد قادىرى. 1995-يىلى، يانۋار
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:12:00]