تۇغۇلغان كۈنۈم
---ئەھەدى
--- كىم بىلىدۇ ، قاچان تۇغۇلدۇم ؟
ئېسىمدە يوق توغۇلغان كۈنۈم .
قىسمەتلەردە ئۇتتۇم ، ئۇتۇلدۇم ،
گاھ بوۋاقتىن تالاشسام ئۇدۇم ،
گاھ بوۋايدەك دەرمانسىز ئۈنۈم . . .
بىر ئويلىسام ، قىلىمەن گويا ،
توغۇلغاندەك تېخى تۆنۈگۈن .
ئايىغىممۇ چىققان ئەمدىلا ،
قاچان يۈگرەپ ماڭسام ،شۇندىلا
يىشىلەتتى بەلكىم بۇ تۈگۈن !
بىر ئويلىسام ، تۇغۇلار گۇمان ،
كۆرگىنىمگە ئەللىك تۆت باھار .
<<يۈز باھارغا بولدۇڭ ئاشىيان ،
نە يۈز باھار ، يۈز بىر زىمىستان ...>>
دېسەڭ ، كەلمەس ھەرگىز ماڭا ئار .
تەئەللۇقتۇر ئادەم ، ھاۋاغا ،
ئۈستۈمدىكى زەيتۇنرەڭ تونۇم .
قات - قات ياماق چۇشكەن ساماغا ،
مەۋجۇتلۇغۇم سىڭسە ناۋادا ،
شۇئان بولار تۇغۇلغان كۆنۈم !...
( ئاپتۇر : ئەھەدى 2007-يىل ماي )
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:48:20]