شائىرنىڭ ئۆلىمى
ئاپتۇرى:يالقۇن ئەزىزى
1
ئۇ چاچقان سىيادا ئوت ئالار ئۇپۇق ،
ئۇنتۇلۇپ ئازاپتا يۈتكەن ئەسلىمە .
ئۇ چۈشسىز ئۇيقۇدا يۈتەر ھەر كېچە ،
مىسرالار قوينىدا بولۇپ مەس كېمە .
كىرپىكلەر ئۈستىدە تىتىرەيدۇ ئۈنچە ،
ئۇ ئەمەس كۆز يېشى تۇرغان يالتىراپ .
ئۇ تاڭدا قۇياشنى چىقىرىش ئۈچۈن ،
يىقىىلار تۈنلىرى نەچچە قانسىراپ ...
چېچىلغان تۇيغۇلار ... ئىسسىق شامالدا ،
يىگانە پەنجىردىن چىقماقتا ئۇچۇپ .
ئۆرلەيدۇ بارماقلار ئارىسدىن ھور ،
ئۇ گويا قىزىل چوغ تۇرغاندەك تۇتۇپ .
ئۇ بۇدەم ئاسماندا تەنھا ئۇچقان قۇش ،
قۇتۇرغان دولقۇنلۇق تۇيغۇلار ئارا .
ئۇ كۆردى يېرىلغان تۈننىڭ كۆكسىدە ،
زەنجىردەك چىرماشقان قىزىل ۋە قارا .
2
ئۇ ياشتىن پۈتۈلگەن ئاپپاق شام گويا ،
يىغىلغان ئۈن -تىنسىز نۇرىنى تۆكۈپ .
ئۇ شەكىل قورشىغان ئاجىز يورۇغلۇق ،
تۈن كېچە ئىچىگە كەتمەكتە چۆكۈپ ...
ئۇ زەڭگەر رەڭ ئۇيقۇدىن ئېقىپ چۈشكەن چۈش ،
چارچاتقان خىياللار كەتكەچ ئېغىرلاپ .
ئۇ كۈمۈش نۇر قۇسقان ئالتۇن ئۆمۈچۈك ،
مىسرالار تېنىدە يۈرگەن بېغىرلاپ .
ئۇ تىككەن كۆزىنى بىپايان كۆككە ،
يۈرۈكى ھەسرەتلىك ئۇيۇغان بۇلۇت .
ئولتۇرۇپ ئۈمۈدنىڭ ئىشكىدە تەنھا ،
ئۇ چاينار كېچىنى ئېغىر ئاھ ئۇرۇپ .
ئۇ ئۆلدى ، روھىنى توزۇتتى شامال ،
تەڭرىنىڭ روھىغا روھىنى چېتىپ.
جىنازا ئىچىگە پاتمىدى بىراق ،
ئۇ ئۆلگەچ شېئىرنى قۇچاغلاپ يېتىپ !
مەنبە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:08:52]